ئىلى ۋادىسى
ئادىلجان ئابلاخمەت
يىشىلىققا پۇركەنگەن ئىلى ۋادىسى ،
ئىسىل كىلۇر ئىلىلىقنىڭ ھەربىر بالىسى.
جەننەتتىكى ھۆرپەرىگە تەڭداش مىسالدۇر ،
ئاشۇ ئىسىل ئۇغۇل قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى .
ھىكمەتلەرگە تۇلغان گۇزەل تىلسىم سايلىرى،
خۇشال بۇلبۇل سايراپ تۇرغان گۇزەل باغلىرى.
ئالتۇن كۇمۇش بايلىقنىڭكى پۇتمەس كانىدۇر ،
ئىرىقىدا سۇت قايماق بار ئىلى ۋادىسى .
كەلسەڭ ئەگەر كۇلۇپ چىقار ئالدىڭغا سىنىڭ ،
چاقچاق بىلەن ھاردۇق سۇرار غۇلجا باللىرى.
سۇت قايماق ۋە ئەتكەن چايلار تەيياردۇر ھامان ،
بۇنىڭ ئۇچۇن مۆرەپ تۇرار ھەتتا كاللىرى .
خۇش ھاۋالىق شۇنچە گۇزەل ئىلى بويلىرى ،
قىزىپ كىتەر دەريا بۇيى ئارا تويلىرى .
قانمىساڭ گەر چىققىن يەنە ئابرال تىغىغا ،
مەرەپ تۇرار شۇخ قىيغىتىپ قۇزا قويلىرى .
مانا شۇنداق ئىسىل ماكان ئىلى ۋادىسى ،
ئۆزەڭ كىلىپ كۇرۇپ كەتكىن قالدى چالىسى .
بۇنداق ئىسىل جەننەتلەرنى كۇرەلمەي كەتسەڭ،
قىپ قالمىسۇن ئارمىنىڭنىڭ يەنە ئالىسى .
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 11- كۇنى دۈشەنبە
| 132 قېتىم كۆرۈلدى | abral | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-11 10:41:34 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|