يالغۇز كىتەرمەن
ئەسكى
قاقشىمايمەن يالغۇز قالدىم دەپ ،
تەقدىرىمنى يالغۇز كۆرەرمەن .
يالغۇزلۇقمۇ يامان ئىش ئەمەس ،
يالغۇز كەلدىم يالغۇز كىتەرمەن .
ئۆز ئىشىمنى ئۆزۈملا قىلىپ ،
يالغۇز قالسام غەنىيمەت بىلىپ .
نىمە قىلاي قاقشاپلا يۈرۈپ ؟!
قاقشىساممۇ يالغۇز كىتەرمەن .
سەۋەبىم يوق خۇشال بولغۇدەك ،
يا كۆزۈمگە ياشلار ئالغۇدەك .
نىمەم قالدى مەن تارتىشقۇدەك ؟
تارتىشساممۇ يالغۇز كىتەرمەن .
ئۇرۇق - تۇغقان دوستلاردىن باشقا ،
كۆنۈپ قالدىم يالغۇز ياشاشقا .
چىدىمايمەن ئۇلارغا لىكىن ،
ئامالىم يوق يالغۇز كىتەرمەن .
| 35 قېتىم كۆرۈلدى | askiii | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-11 8:17:41 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|