ئۇنتۇلۇش
مىسىران
ئۇنتۇپ قالدىڭ
سىنى ئىزلەپ كەزگەن جايلارنى
سەھەر قۇشقىچىنىڭ ۋىچىرلىرنى.
ئۇنتۇپ قالدىڭ
سۆيگۈ ئۈچۈنلا قالغان ھاياتنى.
ئۇنتۇپ قالدىڭ
سىۆيگۈ ئۈچۈنلا ئالمىشۋاتقان قىش ۋە يازلارنى.
ئۇنتۇپ قالدىڭ
ھاياتلىقنىڭ دەشتى چۆلىدە
كۆكلەۋاتقان گۈزەل باھارنى.
ئۇنتۇلۇپ كىتىش پۇشمانلىق بىر چۈش.
يورغىلاپ كىتىۋاتقان يۇلتۇز سايىسى،
قاراڭغۇ كىچىلەر قالار بىر چىكىت-
ئۆتكەندە سۆيگۈدىن تەنھا يولوچى.
ئۈچۈپ كەتتىم قەلبىڭدىن ئۇچۇپ-
بىر نۇرلۇق يۇلتۇزدەك يۇرۇپلا ئېقىپ.
چىقمىدى ھىچ-بىر سۆز ئۆزلۈكتىن ھالقىپ،
تۈنلەردە تەققاززا ئۇنتۇلغان كۈتۈش…
169 قېتىم كۆرۈلدى | missran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-7-31 19:44:00 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|