ئاتامنى ئەسلەپ (شېئىر) - شاۋكەت ياسىن چىندىل

 ئاتامنى ئەسلەپ

شاۋكەت ياسىن چىندىل

ئايەم ئەمەس ماتەم بىلىندى،
سەنسىز ئايەم ئۆتمەس.ئايەمدەك.
شادلىق بېغىم ئۆزۈڭ سەن ئاتا،
سەن بولمىغاچ ئۆتەر ماتەمدەك.

جاراڭلايدۇ قۇلاق تۈۋىمدە،
مۇڭلۇق چالغان ئاشۇ كۈيلىرىڭ.
خارابلاشتى سەن كېتىپ ئاتا،
قان تەرىڭگە تۇتقان ئۆيلىرىڭ.

ھارماي تالماي ئىشلەپ ئېتىزدا،
بىز ئۈچۈن كۆپ جاپالار چەكتىڭ.
ھالاۋەتنى كۆرەر چېغىڭدا،
بۇ دۇنيادىن كەلمەسكە كەتتى.

ۋاقىتسىزلا ئايرىلغاچ سەندىن،
بىلىندىغۇ بۇ جاھان تاردەك.
كۆيۈنەتتىڭ ئاتا باشقىچە،
ھېچ بىر كىشى كۆيمەس ئاتامدەك.

2017   4     10
     





41 قېتىم كۆرۈلدى شاۋكەت ياسىن چىندىل ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-11 8:11:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ