جاھان - غەزەل- شاھتۈرك

جاھان - غەزەل

 

 ئەمەرجان ماخسۇت شاھتۈرك

 

 قىسمىتىڭ رەڭدار ئاجايىپ باقمىدىڭ خۇش ئەي جاھان،

 يىغلا دېسەم كۈلدى دەۋەر دۆت ئىكەن بىلمەي جاھان.

 

 يىللىرىڭ قامۇسچە بار ھەر بىر بېتىڭنىڭ سىھرى كۆپ،

 ئوقۇتۇپ قىلدىڭ مۇنەججىم ئوقۇدۇم بىلمەي جاھان.

 

 ئۆزگىلەرنى چىن بىلىپ گۈل ئۇزاتسام خۇشپۇراق،

 بەرگىنى يانتاقۇ قامغاق بۇنى مەن كۆرمەي جاھان.

 

 سۆيگۈدىن شەربەت سۇراپ كىرسەم ئۆيۈڭگە تەلمۈرۈپ،

 سۇنغىنىڭ ھەسرەت نادامەت جەۋھىرى شۇل مەي جاھان.

 

 دوست بىلىپ مەن قول ئۇزاتسام ئالمىدى ھېچ چىن ئىلىك،

 بەرگىنى قول، يوق مېھىر ھېچ، ساختا كۈلمەي ھەي جاھان.

 

 ماڭغىنىم ھەقنىڭ يۇلى تەۋرەنمىدىم ھەم قىلچىلىك،

 تارتقىنىم مىڭبىر مۇشەققەت راھىتىڭ سۈرمەي جاھان.

 

 مەيلى دەيمەن ئۆز يۇلۇمدىن قايتمىدىم ھەم يانمىدىم،

 ئەي ئەمەرجان توختىما چال خوشال سەن نەي جاھان.

 

 2015/12/30يۇرتى قاراقاش





140 قېتىم كۆرۈلدى xahturk666 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-4 23:07:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ