ۋاي ئاداش(بۇ شېئىرىمنى ۋاپادار دەرىتمەن يىگىتلەرگە بېغىشلايمەن)

ۋاي ئاداش

 

 بەر دېسە بەر دېدۇق بۇكۆڭۈلنى،

يار ئۈچۈن ئاتىغاچقا بارىمىزنى،

نىچۈن تارىتتۇق ئاخىرى ئازابنى،

 ئازار بەرمەيلى دەپ ئاداش.

 

 توساپ كەيىپ ـ ساپادىن،

قوغداپ ئەيىش ـ ئىشرەتتىن،

ئۈگىتىپ ـ ئىمان ئەخلاقتىن،

داغدا قالدىققۇ ئاخىرى ۋاي ئاداش.

 

 دىلىنى ئاياپ ھەمىشە بولدۇق مۇلايىم،

ئىللىق مېھىر بېغىشلىدۇق ھەردائىم،

 خۇشال قىلدۇق كۆڭلىمىز بولسىمۇ يارىم،

 ئەمدىلىكتە ۋاپا يوق،ئەلەم بولدى ۋاي ئاداش.

 

 چوڭ بىلدۇق ئۇلارنى ئانىسى بولغاچ مىللەتنىڭ،

 غەلۋىر كەبى ئايرىدۇق چارلىرىنى ئىللەتنىڭ،

 ئېچىپ بەردۇق تەكتىنى يامان بولغاچ خىلۋەتنىڭ،

 سۆزلەۋىرىپ ئۇلارغا،ئاتىكاچى ئاتالدۇق ۋاي ئاداش.

 

 سىرداش بولدۇق ئۇلارغا،سىرلىرىنى ساقلىشىپ،

 ياردەم قىلدۇق بەزىدە ئىشلىرىغا ئارلىشىپ،

 مېڭىۋىرىپ بىرلىكتە يوللىرىمىز تارلىشىپ،

 مەنزىلگە يەتمەيلا،ھېرىپ قالدۇق ۋاي ئاداش.

 

 سوراپ تۇردۇق ئەھۋالىنى بولساقمۇ گەر ئالدىراش،

ئۇچۇرلىرىغا تەلمۈرۈپ كۆزلىرىمىز خىرەداش.

سوئاللىرىمىز ئورنىغا بولدى جاۋاپسىز ئالداش.

ئېغىر كەلدى تۇيۇقسىز يۈز ئۆرىشى ۋاي ئاداش.

 

 شۇنچە قىپمۇ ئۇلارغا بولالمىدۇق ياخشىسى،

 ياكى ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە بارمۇ بىزدىن باشقىسى.

 ئويلاپ قالساق بۇلارنى غەزەپ ئۆرلەپ تاشقىسى،

 بىزدەك يار ئۇلارغا قايتا تېپىلارمۇ ۋاي ئاداش؟!

 

 كېچىلىرى مۇڭدىشىپ تۈننى تۈنگە ئۇلىغان،

 چاقچاقلىشىپ گاھىدا بىر بىرىمىزنى گولدىغان،

 شادلانغاچقا يۈرەكلەر كۈندە ناخشا توۋلىغان،

 غېرىب بولغاندا بىردىنلا ياتلاشتۇققۇ ۋاي ئاداش.

 

 بەرگەن كۆڭۈلنى بىلسەڭلار، قەدرىمىزگە يەتسەڭلار،

دەرتلىرىمىزنى ئالساڭلار، ئازاپلانمانتۇققۇ زىنھار ۋاي ئاداش. 

 

 غۇلجا 2015-يىل 3-ئاۋغۇست

نىيازئەلى·ئابدۇرېشىت





198 قېتىم كۆرۈلدى Izdinix ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-15 10:30:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-15 20:33:40 ahattirgul
yahxi qikiptu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ