مەن ئاكامغاقايىل بولدۇم (نەسىر) - خەيرۇلنىسا ياسىن

 مەن ئاكامغاقايىل بولدۇم

(خەيرۇلنىسا ياسىن )


مەن ئاكامغا قايىل بولدۇم .ئۇنىڭ ھاياتقا ،تۇرمۇشقا بولغان تەلىپى شۇنچىلىك ئاددى .ھاياتى كۇچى بولسا شۇنچىلىك قۇدرەتلىك  .بۇ ناھايىتى روشەن سېلىشتۇرما  ئېدى .
     مەن  ئوزۇمنى ۋە  زامانداشلىرىمنى كوز ئالدىمغا كەلتۇردۇم .تۇگىمەس تەلەپلەر بىلەن  كىشىنىڭ  ئېچىنغۇسى كەلگۇدەك زەئىپلىك كوز ئالدىمدىن  لىپ قىلىپ ئوتكەندەك بولدى .
     سىز  ھەقىقەتەنمۇ جاھانكەزدى شائېرنىڭ ئىلھام بۇلىقى.سىز تاشلىۋېتىلگەن  گۇزەللىك ئەمەس .بىراق ئائىلىنىڭ  كەڭ  قوينىغا ئىختىيارسىز ئاپىرىدە بولغان كوتۇرۇشلۇك كەڭ  گەۋدە.
    سىز مەردانىلىق ۋە پىغانلىق  ھېكايىلىرىڭىز ئارقىلىق دىلىمنى  تەسىرلەندۇرۇپ  قولۇمغا قەلەم  ئالغۇز دىڭىز.
   
    سىز  شاھ-شاھلارنىڭ چەھار باغلىرىدىن ئورۇن  ئالالمىسىڭىزمۇ ؟ پېقىرئائىلىڭىزنىڭ بىر دىن -بىر ئەزىزى  بولالمىسىڭىزمۇ،بىراق بۇ  دۇنياغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى كوڭۇل ئېزھارىدۇرسىز.
      سىم -سىم  يامغۇر سىرغىغان جىلغىلار ،ئوزۇك-ئۇزۇك بۇلاقلارغاتولغان سازلىق  يايلاقلار ،توپا-چاڭ قاينىغان  يوللار ،ئېتىز -ئېرىقلارنىڭ كوز دىن  يىراق قىرلىرى سىزنىڭ شەپقەتلىك  ماكانىڭىز بولۇپ  كەلدى .
     نېمە دىگەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش .سىز ھەرگىزمۇ بۇنداق كورۇمسىز ،قورقۇنۇشلۇق ماكاننىڭ  ئېگىسى ئەمەس .سىز شۇ  كورۇمسىز ماكاننى  گۇللۇك باغچىلارغا  ئايلاندۇرۇشقا تىرىشتىڭىز .ئەمما ھەممە  رېئاللىق سىز ئويلىغاندەك گۇزەل بولۇپ چىقمىدى .لېكىن سىز شۇ قورقۇنچلۇق ماكاننى داۋاملىق پەرۋىش قىلماقتا ،ھەرگىزمۇ بەل قويۇۋېتىشنى ئويلاپ باقمىدىڭىز .....
      سىز نىڭ ئەسلى ماكانىڭىز بۇ ئەمەس .سىز ئەسلى جەننەتتىكى  بارلىق گۇزەللىك ۋە خۇشاللىقلاردىن بەھرىمەن بولۇشقا لايىق .چوقۇم شۇنداق  بولىدۇ ……
    بىر -بىرىنىڭ كەينىدىن ئۇزۇلمەي زەنجىردەك كېلىۋاتقان كوڭۇلسىز ئېشلار ،زەمبىرەكنىڭ ئوقىدەك  يۇرىكىڭىزگە تېگىۋاتقان ،رەھىمسىزلەرچە،يۇزسىزلەرچەئېيتىلغان زەھەردەك گەپلەر .خۇددى بوران چاپقۇنلۇق ،قار-شىۋېرغانلىق پەقەت سېزنىلا ئورىۋالغاندەك قېينالدىڭىز.گويا سىز بۇ دۇنيادىكى  خۇشاللىقلاردىن  مەھرۇم  بولغاندەك  ،سىزنىڭ نىسىۋىڭىز  يوقتەك ……
     سىز گە  ئېشىنىمەن  ئاكا .سىز چۇقۇم،بوران-چاپقۇنلۇق ،قار-شىۋېرغانلىق ھاۋا كىلىماتلىرىدايىلتىزىڭىزنىڭ ھاياتى كۇچىنى ساقلاپ قالالىسىڭىزلا ياشاش  مېلودىيەرىڭىزنى ياڭرىتىپ  ئوسۇۋېرىسىز ،ئېچىلىۋېرىسىز……
     سىزنىڭ شۇ ئاقكوڭۇللىكىڭىزدىن پايدا  ئالغانلار خالىسا  سىزنى قىيناپ  ،دەسسەپ ،نازۇك يۇرىكىڭىزنى نابۇت  قىلىدۇ ………
    ئىشىنىمەن سىز ،شۇ ھالەتتە  تۇرۇپمۇ  ،ئوز ئارزۇ -ئىستەكلىرىڭىز ئىلكىدە ،تىرىشىپ -تىرمىشىپ،بىىخ سۇرۇپ ،شاخلاپ،ياپراقلىنىپ،تۇگۇنچەكلىنىپ،گۇزەل،كوتۇرۇشلۇك شۇ  كەڭ  گەۋدىڭىزنى بۇ  دۇنيا قوينىدا  نامايان  قىلىۋېرىسىز ……
     بىلەمدىغاندۇ ؟سىز-سىز ئائىلىڭىز نىڭ زۇلمەت ئېچىدە قالىدىغانلىقىنى ……
     بىلەمدىغاندۇ ؟سىز-سىزئائىلىڭىزنىڭ بۇ دۇنيا تارىخ بېتىدىن يوقايدىغانلىقىنى ……
     بىلەمدىغاندۇ ؟سىز-سىز جىلغىلار تاقىر ،ياپراقلار تاتىراڭ ،ئېتىز-قىرلاريالىڭاچ،مەھەللىەرجەزىرلىشىدىغانلىقىنى……
     بىلەمدىغاندۇ ؟سىز-سىز ئېدىرلىقلار  قاقاس تاشلىققا ئايلىنىپ ،ئائىلىڭىزنىڭ خانىۋەيران بولىدىغانلىقىنى ،ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ  بۇزىلىدىغانلىقىنى……
     مەھەللە  يۇرتلارنىڭ  خارابلىشىدىغانلىقىنى…؟!
        بوران  ئالدىدا قۇم  تۇپراقنىڭ  ئەڭ چوڭ  يولەنچىكىدۇر.سىزمۇھەم
ئائىلىڭىزنىڭ ،ماكانىڭىزنىڭ خالىس چوڭ قوغدىغۇچىسى .
سىز  ئەتراپىڭىىز دىكىلەرگە،ئوزىڭىزبىلىپ-بىلمىگەن ھالدا قانچىلىك چوڭ  ياردەملەرنى قىلغانلىقىڭىزنى  بىلەمدىغانسىز ئاكا !؟
     مەن  پەقەتلا ئەڭ  ئاددى  سوزلەر بىلەن  تەرىپلەشكە قۇربۇم  يېتىدىغان ئاددى  تېنىم بىلەن سىز نىڭ ئەتراپىڭىزدىكىكەرگە سۇنغان ياردەم  قولىڭىزنى نەلەرگە سوزۇلغانلىقىنى بىلىشكە  ئاجىز .
     بىراق  مىنىڭ  بىلىدىغىنىم ،ماڭا قىلغان  ياردىمىڭىز .سىز تەڭرىتاغدا ئوسىدىغان قارلەيلىسىگە  ئوخشايسىز  .گەرچە سىز       قارلەيلىسىگە ئوخشاش  نەپىس  بولمىسىڭىزمۇ  ،لېكىن قارلەيلىسىگە ئوخشاش قەيسەر ……
       سىز  شۇ  قارلەيلىسىگە ئوخشاش ئەتراپىڭىزغا خۇش  ھىدىڭىزنى تارايتىڭىز ……
     سىز  شۇ  پىغانلىق  ھېكايىلىرىڭىز ئارقىلىق قولۇمغا  قەلەم  ئالغۇزدىڭىز .قەلەم ئالغۇزۇپ  كىتاپ  ئوقۇشنىڭ ئەڭ  مۇھىم  ئىكەنلىكىنى بىلدۇردىڭىز .بەلكىم ،سىز شۇ قاباھەتلىك ھېكايىلىرىڭىزنى يازمىغان  بولسىڭىز ،مەنمۇ ئوزۇمدە قانداق  بىر قابىلىيەتنىڭ بارلىقىنى بىلمەي  يۇرگەن  بولاتتىم ……
     شۇ تاپتا  ئوزۇمنى ئويغىنىشقا  باشلىدىم  دەپ  ئويلايمەن .
     مېنى  غەپلەت  ئويقۇسىدىن ئويغاتقان  كىم ؟دەل سىز  ئاكا ……
   سىز  يىقىلماس ،قەيسەر روھىيىتىڭىز ئارقىلىق ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە نۇرغۇن  نەرسىلەرنى  ئوگەتتىڭىز ،سىز ھەرگىزمۇ تاشلىۋېتىلگەن  ئەمەس .بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى ،نادانلارنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن ئوزىنى بېغىشلىغان ئۇلۇغلىرىمىزغا ئوخشايسىز ……
  سىز نىڭ  ھەربىر باسقان  قەدىمىڭىز  ،كوپلىگەن بەركەتلەرنى ياغدۇردى .بۇنى بىلىشكە ئامالسىز مەن .
  ئوزۇمنى زامانداشلىرىم بىلەن  سېلىشتۇرۇپ  كورسەم .ئۇلار ماڭا  ئوخشاش كىتاب  ئوقۇشقا  ،ئۆگىنىش قىلىشقا قىزىقمايدۇ .بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئۆزۇمنى كورسەتكىنىم ئەمەس .ئەمما مېنى  شۇلاردىن  پەرىقلىق  قىلغان  ئادەم  كىم ؟
    بەلكىم  ئويغانغانلىقىمنى ھېس  قىلغانلىقىم ئۈچۇندۇر ،پاكلىق بىلەن  ياشاشنى  تاللىغان  كۇندىن  باشلاپ مەن باشقىلاردىن پەرىقلەندىم .مېنىڭ شۇ  روشەن  پەرىقلىق  بولۇشۇمغا  سىز  سەۋەپچى  ئاكا  .……
   مەن  مەكتەپكە  بارغان ئون  يىل جەريانىدا مۇئەللىملىرىم كۇندە  سوزلەپ دېگۇدەك  ئۆگىتەلمىگەن تىرىشىش ،قەيسەرلىك ،چىدامچانلىق  روھىنى .مەن سىز نى  تونۇغان  ھەم  ھەقىقىي چۇشەنگەن توت ئاي جەريانىدا  سىز  ماڭا  ئۆگەتتىڭىز ……
   سىز  داڭلىق ئالىي  مەكتەپلەرنى ھەتتا ئاسپىرانتلىقنىمۇ پۇتتۇرگەن ئوقۇتقىلاردىنمۇ
.ھالقىپ چۇشكۇدەك قابىلىيەتلىك ئوقۇتقۇچىسىز .سىز ماڭا  بەرگەن ھاياتلىق  دەرسىنى  مەن  پەقەت ۋە پەقەت سىزدىنلا ئۆگىنەلىدىم.
  سىز  ماڭا  بىر  ئېغىز  گەپ  بىلەن ئەمەس ،ھەركىتىڭىز ھەم روھىيىتىڭىز ئارقىلىق ئۆگەتتىڭىز ……
   سىز  ھەقىقەتەنمۇ  قابىلىيەتلىك ئاكا ……
     





261 قېتىم كۆرۈلدى (خەيرۇلنىسا ياسىن ) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-27 3:13:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ