گۈزەل دىيارىم
( ناخشا تېكىستى )
مۇھەممەتتۇرسۇن مەمتىمىن ئوتقاش
====================
كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن سەندە،
نەدە بولسام سەندە خىيالىم.
سەنسىز ماڭا ھاياتلىق نەدە،
مېھرى ئاتەش گۈزەل دىيارىم.
باغرىڭ گۈلخان،سۇلىرىڭ شەربەت،
قوينۇڭ كەڭرى، تاغلىرىڭ ھەيۋەت.
ساپ ھاۋالىق باغلىرىڭ راھەت،
ئانا يۇرتۇم - گۈزەل دىيارىم.
يۈلەكسىزنى يۈلەپلا كەلگەن،
قەلبىمىزگە گۈلچېچەك تەرگەن.
روھىمىزغا كۈچ-مەدەت بەرگەن،
مېھرى قۇياش گۈزەل دىيارىم.
سېنىڭ ئۈچۈن جاپالار چەكسەم،
رازى ھەتتا جېنىمدىن كەچسەم.
ئارزۇيۇم شۇ؛قەدرىڭگە يەتسەم،
قۇدرەت تاپقىن گۈزەل دىيارىم.
====================
ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتورنى ئىزدەڭ!
ئاپتورنىڭ ئۈندىدارى: otkax0991
| 47 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەتتۇرسۇن مەمتىمىن ئوتقاش | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-26 7:10:32 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|