جىنىم دادا سزنى بىر كۆرەي (نەسىر)
پاتىگۈل پازىلجان
مەن كىچىك چىغىمدىنلا بىر يىتىم قىز ئىدىم. چۇنكى ئاپام مەن قورساقتىكى چاغدا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دادام بىلەن ئاجىرشىپ كەتكەن ئىكەن. مەن كىچىك بولغاچقا دادامنىڭ يوقلىقىنىمۇ بىلمگەن ئىدىم. سەل چوڭ بولۇپ مەكتەپكە كىرىگەندە دادامنىڭ يوقلىقىنى ئاندىن بىلدىم. چۇنكى باشقا ساۋاقداشلىرىم ئاتا ئانىسى بىلەن بىرگە مەكتەپكە كىلەتتى. مەن بولسام بىر يىتىم قۇشتەك ئۆزوم يالغۇز ھالدا مەكتەپكە كىلەتتىم. ساۋاقداشلىرىم مىنى ئاتا ئانىسىنىڭ تايىنى يوق ھاراملىق دەپ تىلاتتى ھەم كەمستەتتى. مەن چوڭ بولغانچە ماڭا بۇ بىر ئىغىر بىسم بولدى. ئاپامدىن دادام يوقما؟ دەپ سورسام ئاپام كىيىن سەن چوڭ بولغان چاغدا دەپ بىرەي دەيتتى. بىراق مىنڭ دادىغا بولغان ئوتلوق مۇھەبىتمىنى ھىچكىم بىلمەيىتتى.
دادا، دادا ،دادا سز نەدە سىز نى بەكمۇ سغىندىم دەپ بەكمۇ يىغلايتتىم. يىغلغىنىمنى ئاپامغا دىمەيىتىم ھەم چاندۇرمايىتم . چۇنكى ئاپامنىڭ بۇنى بىلسە خاپا بولوشدىن ئەنسرەيىتتىم. كوچىلاردا كىتۋاتقاندا دادامنىڭ ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلايىتتىم. بەزدە دادامنىڭ سمايىسنى كۆرگەندەك بولاتتىم. ئۇنى بەكمۇ سغىندىم.
بۈگۈن مىنىڭ تۇغۇلغان كۇنۇم ئىدى. مەكتەپتە بىر ساۋاقىدشم مىنى بىكاردىن بىكار ئۇرۇپ كەتتى. مەن قاتتىق يىغلاپ كەتتىم شۇ يىغلغانچە كىتىۋاتىمەن ئۆزۇمنى پەقەتلا تۇتالماۋاتمەن. تۇيۇقسىز كەينىمىدىن كەلگەن بىر نەرسە مىنى سوقوپلا شۇيەردە توختاپ قالدى. مەن قاتتىق يىقلىدىم.
دادا، دادا، دادا ئىغىزىمغا بۇ سۆزىدىن باشقا بىرەر سۆزمۇ كەلمىدى. ئۇ دادام ئىدى. مەن دادامنى كۆردۇم.
- قىزىم، قىزىم.
جىنىم دادا دەپ كۆز يۇمدۇم..............
280 قېتىم كۆرۈلدى | پاتىگۈل پازىلجان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-1 20:44:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|