قايگە بارىمىز ؟ - ئەكبەر ئىدرىس

 قايگە بارىمىز ؟
ئەكبەر ئىدرىس


مەنزىل قايان قايگە بارىمىز ،
يوق ھىچكىمدە ئۇنىڭ ئادرېسى .
تۈنۈگۈنلا ياشلىق دىگەنتى ،
بۈگۈن يىتىم قالدى دادىسى .

مەنزىل قايان قايگە بارىمىز ،
كوملاشقىمۇ ياكى مىسكىننى .
سورىقى يوق دەيدۇ ئاڭلىسام ،
قويىۋالساق ئوڭدا چۈشكۈننى .

مەنزىل قايان قايگە بارىمىز ،
قىز چوكانلار بەزمىسىگىمۇ .
پۇل كىرەككەن قاش ئوينىتىشقا ،
ئۇسۇل سالساق نەغمىسىگىمۇ .

مەنزىل قايان قايگە بارىمىز  ،
ئىچىشكىمۇ ياكى ئەلەمنى .
مەي ئىچكەنلەر بولغۇدەك شائىر ،
ئالامدۇق يا بىزمۇ قەلەمنى .

مەنزىل قايان قايگە بارىمىز ،
ئانىمىزنىڭ ئۆيى سەل يىراق .
ئەمما يىقىن سەتەڭنىڭ ئۆيى ،
چەكسەكمۇ گەر مۇشەققەت پىراق .

مەنزىل قايان قايگە بارىمىز ،
ھارامخورلۇق تىپىپتۇ بازار .
بىزمۇ شۇنداق  ياشاپ باقايلى ،
شۇنداقلاردىن قىچىپتۇ مازار .

مەنزىل قايان قايگە بارىمىز ،
ئوخشاپ قالدۇق قايسى پەسىلگە ،
بوران بولۇپ گۈلنى تالايلى ،
كىلىدىكەنغۇ ھامان ئەسلىگە .

مەنزىل قايان قايگە بارىمىز ،
پۇل بەرمىسە قىلغان سەبرىگە .
نىمە كىركى نىسى ئۆمۈرنىڭ ،
كىتەمدۇق يا بىللە قەبرىگە …!؟

2016.يىلى 7.ئۆكتەبىر كۈيتۈن   ئەكبەر ئىدرىس   ( ئەرچىن)
     





130 قېتىم كۆرۈلدى arqen ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-7 23:58:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-8 15:02:50 ئەكبەر سالھ
ياخشى چىقىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ