ۋاپاسىز

         ۋاپاسىز …  
شېئىر
ئابلىمىتجان ۋاھاپ

يۇز ئۆرىدىڭ دىدىڭ،يۇزۇمگە قاراپ،
ھالىمنى بىلمىدىڭ،سۆيگۇمنى خارلاپ.
قەدىرىم يوق يەردىن،كىتىمەن تۇيماي،
يىتىسەن شۇ چاغدا ئارقامدىن ماراپ.

كەتتىممەن قالدۇرۇپ يىراققا سىنى،
دىگەنتىڭ ۋاپاسىز ۋەدەڭچۇ قىنى.
سەن تاش يۇرەك بولدۇڭغۇ ئەمدى ،
كۇلۇشكە قالمىدى سۆيگۇنىڭ جىنى.

ۋاپاسىزدەپ مىنىڭدىن كۆرمىگىن ئەسلا،
سىنى مەن ئارماندا قويمايتىم باشتا.
يۇرەكنى پارچىلاپ كەتتىڭ ئۆزگە يىنىغا،
پەرۋاسىزمەن ئەمدى  كەلسەڭمۇ ياشتا.

مىنى ئەمدى قايتىدىن سوتلىما جانان،
ۋەدەمدىن ئالدىراپ تانمايمەن ھامان.
قىلدىڭ سەن يۈرەكنى ئېزىپ سەكپارە،
سۆيگۇنى ئارماننى ، ساتقىنىڭ يامان.
     


     


     





9 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-12 20:53:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ