ھايات ھەققىدە
خانقىز تۇرغۇن
قاچانكى كۆز ئاچتىم يۇرۇق دۇنياغا،
يىغامدىن ياڭرىتىپ يېڭى بىر ناۋا.
شۇ كۈندىن باشلاندى ھايات مۇساپەم،
ئىزنالار قالدۇردۇم باسقان يۇلۇمدا.
بوۋاقلىق مەزگىلىم ئۆتتى بەك تېزلا،
يول ئالدىم باللىق،ئۆسمۈر چېغىمغا.
ھەيرانمەن قانىتى بارمۇ ۋاقتنىڭ،
چىللىدى ئۇ مىنى ياشلىق بېغىغا.
گاھ كۈلدۈم قاقاقلاپ بەخىت قوينىدا،
گاھ يىغلاپ قاقشىدىم ئازاپ پىغاندا .
كىملەرنى ئۇزاتتىم خوشمۇ دىمەستىن،
كىملەرگە زار بولدۇم قاراپ يولىغا.
كۆپ ئۆتمەي ياشلىقىم خوش دەيدۇ ماڭا،
قالدۇرۇپ كىتىدۇ ئەسلەشكە سوۋغا.
ئاغرىتىپ ئىچىنى سۇنار قېرىلىق،
دەر كۈلۈپ ئامان بول خەيىر ئەلۋىدا.
ئاق سانجار قۇندۇزدەك سۇمبۇل چېچىمغا،
گۈل ھۆسنۈم سۇلىشار قۇرۇقلار ھەمراھ.
پۇت-قولدىن كىتىدۇ كۈچ -مادارمۇ ھەم،
بەللىرىم پۈكۈلۈپ قۇلۇمدا ھاسا. ھە تېخى،
ئۆلىمەن قەرەل توشقاندا،
كىم چىقار مەن ئۈچۈن ئېچىشقا ھازا.
كۆرىمەن تاۋۇتۇم كۆتۈرەر كىملەر ،
تالاشتا قالارمۇ ياكى تاشلاقتا.
خىيالدىن ئويغۇنۇپ باقسام ئەتراپقا،
تۆنۈگۈن تۇغۇلغان بۈگۈن سەكراتتا.
ۋەلىكىن پەرۋاسز ئۆتەركەن ھايات،
ئۇھ تارتىپ قالاركەن ئىنسان پەقەتلا.
2016-يىل 2-ئاينىڭ17- كۈنى(چارشەنبە)
173 قېتىم كۆرۈلدى | qaxma | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-18 2:18:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|