ئامال يوق باشقا
شاۋكەت
ئادەمنىڭ ھاياتى ئەجەپمۇ قىسقا ،
ئادەمدە بولسىمۇ ھەۋس ھاياتقا.
ھاياتقا كۆز قىيماي ئۆلۈپ كىتىمىز ،
بىزگىمۇ بىر نۆۋەت ئۆلۈم بولغاچقا.
ئادەمنىڭ ھاياتى ئەجەپمۇ قىسقا،
بۇ قىسقا ھاياتتا يولىمىز باشقا .
بەزىمىز ئېرىشسەك ئىللىق باھارغا،
بەزىمىز مۇپتىلا جۇدۇنلۇق قىشقا .
ئادەمنىڭ ھاياتى ئەجەپمۇ قىسقا،
ئەجەلدە رەھىم يوق قارىماس ياشقا.
بىزگىمۇ شۇ ئەجەل يىتىپ كەلگەندە،
بۇ جاننى بەرمەكتىن ئامال باشقا .
| 200 قېتىم كۆرۈلدى | شاۋكەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-8-20 1:03:45 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|