كىلىدۇ
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
قاقشاپ يۇرىمە يوقلۇقتىن ياخشى زامان كىلىدۇ ،
ئامان بولسا جانۇ -تەن ، بەختمۇ ھامان كىلىدۇ .
قايغۇ ئەمەس مەڭگۈلۈك ، ئۇ ۋاقىتلىق كەلگۈلۈك ،
بولۇپ يۇرسەڭ ئۈمۈدلىك كۈلكە -خەندان كىلىدۇ .
نامراتمەن دەپ يۇرىمە بايلىقىڭدۇر جۈپ قولۇڭ ،
ھېچ كىشىگە يۈكۈنمە ، يەر بولمىسۇن غۇرۇرۇڭ .
بالىسىزمەن دەپ يۇرىمە ،ۋىجدان قوشماق ئۇغۇلۇڭ .
بولساڭ مەردۇ -مەردانە ، سالامغا خان كىلىدۇ .
باقساڭ كېچە ئاسمانغا يۇلتۇزلارنى كۆرىسەن ،
قىسمەت دېگەن مانا شۇ ، تۇغۇلدۇڭمۇ ئۆلىسەن .
ياشلىقىڭدا مەجنۈنسەن ،لەيلىلەرگە كۆيىسەن ،
شۇنداق كۈنلەر بىرىدە سۆيگەن جانان كىلىدۇ .
ئۇششاق غەلۋە قىلمىغىن چوڭ ئېشلارنى باشلىساڭ ،
ئۆزگەن گۈلۈڭ بىر بولسۇن ، مەنا بىلەن ياشىساڭ .
يىڭىلىققا نەدە يول ئەگەر داۋان ئاشمىساڭ ؟
چۆكسەڭ ئارمان ئىچىگە ، پۇرسەت -ئىمكان كىلىدۇ .
كەيپ تۈگمەس ئاپەتتۇر ئاڭا يىقىن يولىما ،
پاكىز ياشا كۈنۇ -تۈن ، پاك تىنىڭنى بولغىما .
پۇل تاپساڭمۇ تۇنىلاپ قەدەمدە باق ئارقىغا ،
يەتسەڭ ئەلنىڭ دەرتىگە ، مۈشكۈل -ئاسان كىلىدۇ .
| 64 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-8 13:39:54 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|