بۇنى قانداق مۇھەببەت دەيمىز؟ - ئابدىراھمان ھېكىم

بۇنى قانداق مۇھەببەت دەيمىز؟

ئابدىراھمان ھېكىم  ئىشەنچ، كۇچا

ساختا سۆيگۈڭ بىلەن  ئالدىساڭ،
ئەقىدەمنى شۇنچە خارلىساڭ.
شۇ راس سۆزنىمۇ  ئاڭلىمىساڭ،
ئاز كەلگەندەك يەنە قارىلىساڭ.

يامان يولدىن ئەسلا قايتمىساڭ،
نەسىھەتنى ھەم ئاڭلىمىساڭ.
ئۆزگىلەردىن ماڭا ئاشمىساڭ،
نامەردلەردىن ھېچبىر قاچمىساڭ.

ئورۇنسىز جېدەلدىن تارتمىساڭ،
سادەقەتتىن لىباس ئارتمىساڭ.
چىغىر يولدىن  ياكى  قايتمىساڭ،
بۇنى قانداق  مۇھەببەت دەيمىز؟

     





171 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-17 11:56:04  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-19 3:32:50 دىيانەت
ئىسىل
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ