شۈكرى قىلما
يازغۇچى:ئابدۇۋارىس ئوسمان
نامرات ياشاپ شۈكرى دىمەيمەن ،
نامراتلىققا يارالمىغان مەن دەيمەن .
ھورۇننىڭ باناسى ئىكەن شۈكرى ،
ئېلىشتىن بەرگەننى ئەۋزەل بىلمەن .
شۈكرىنى بىلمەي قىلما شۈكۈر ،
بىلسەڭ قىل ساقلىقىڭغا شۈكۈر.
شۈكۈر قىلىپ نامرات ياشىما ،
راۋامۇ ساقتۇرۇپ قىلغان شۈكۈر .
ئۆزەڭنى مۆئمىن دەپ سانامسەن ،
نامراتتا ياشاپ بەگەننى ئالامسەن .
ساق تۇرۇپ ئەزايىڭ تىرىشماي ،
شۈكرى قىلىپ ئۇخلاپ ياتامسەن .
ھاقارەت ھورۇنلۇق ماڭا ھەم ساڭا
شۈكرىنى ئۆزگەرتىپ ھورۇن بولما .
ھورۇندىن ياخشى كوچا تىلەمچى ،
زاكاتتىن ئۆشرىدىن تاماخور بولما.
ھەقىقى شۈكۇرنى ساڭا دەپ بېرەي ،
ساق بول ياكى مىيىپ شۈكرى قىل .
غەم-قايغۇ ئازاپ مۇسىبەت باسسا ،
سىنالدىم ھاياتتا دەپ شۈكرى قىل .
شۈكرى ھورۇنلۇق باناسى بولالماس،
شۈكۈردەپ قىلىسەن ئۆزەڭگە قەس .
ئۇخلاپ قالمانامراتلىققاشۈكۈر دەپ ،
تىرىشقىن تىرمىشقىت ھاياتلىق بەس .
قاملاشماس ھورۇنلۇق قىلغان شۈكۈر ،
يىقىلىپ دەس تۇرۇپ قىلىپ باق شۈكۈر .
يا ھايات پەيزىنى سۈرۇپ قىل شۈكۈر،
ھورۇن بولۇپ نامراتلىققا قىلماشۈكۈر .
| 112 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-5 0:54:50 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|