ئىسىت ئەقىدەم
ئابلىمىت ئوسمان (مەرىپەت ئوغلى)
مېھرىڭدە كۆكلىتىپ قەلبىمدە سۆيگۈ،
ۋەسلىڭگە يەتكۈزمەي ئەزدىڭ يۈرەكنى.
دەردىمنى تۆكۈشكە پانىي دۇنيادىن.
تاپالمىدىم ھىچ سەن يار-يۆلەكنى.

ئازاپتا تولغۇنۇپ بۇندا ئاھ ئۇرسام ،
يۈرۈيسەن سەن ئۇندا كۈلۈپ بىخەۋەر .
سېغىنىش ئوتىدا قىل كەبى كۆيۈپ،
سەنسىز كۈن بىلىنەر يىگەندەك زەھەر.

تالجىقتى بۇ جېنىم، باغرىم قان-زىدە،
دىدارىڭ كۆرەلمەي يىدىم كۆپ تەشۋىش.
يۈرۈگۈم يىغلايدۇ،سەن بىلەن ئۆتكەن،
كۆزۈمدە،خىيالدا شۇ گۈزەل كەچمىش.

قەلبىمدىن ئارزۇلاپ سۆيسەممۇ سىنى،
خارلاندى چىن سۆيگۈم ، ئىسىت ئەقىدەم.
شۇندىمۇ سېغىنىپ ئەسلەيمەن مەڭگۈ.
نەدە سەن جانانىم؟ ئوماق مەلىكەم .
| 204 قېتىم كۆرۈلدى | maripatoghl | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-26 22:39:57 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|