غەزەل(بىر ئۇيغۇرغا رەددىيە)- دىليار رەخمەتجان ئىز

غەزەل(بىر ئۇيغۇرغا رەددىيە)

 دىليار رەخمەتجان ئىز


 دېمىگىل ئۇيغۇرنى غاپىل،سادىرى پالۋانلار تولا،
بولۇپ جەڭلەردە زور قالقان،ياۋنى دەس چاپقانلار تولا.

بولسىمۇ گەر ئارامىزدا ئەلگە زەقۇم ئۇرۇقىن چاچقان،
يۈسۈپ،مەھمۇت،تەجەللىدەك ھەق نۇرىن ئالغانلار تولا.

ئەزەلدىنلا ئىستەپ كەلدۇق ھىدايەت نۇرىنى ھەر يەردىن،
مەمتىلى تەۋپىق ئىزىدىن ھارماي قەدەم باسقانلار تولا.

بولۇپ ئىلىم گۈلشەنىنىڭ قىزىل گۈل،بەرگى،رەيھانى،
خەلق ئۈچۈن قىلىپ ھىممەت ،ئىپارلەر چاچقانلار تولا.

تىلەپ ئەلگە ھۆرىيەتنى،قىلىپ ئۇلۇغ مىھنەتنى،
نىيەتلەر قوينىگە ئالغان ئەھلى ئارمانلار تولا.

زەخمەتلەر يەتسە ئۇيغۇرغا،مىنىپ قاشقا دۇلدۇلغا،
ئەيلەشچۈن تامام تارمار، ئول تامان چاپقانلار تولا.

پەرزەنتچۈن ھىممەت شاھى ـــــــ ئاتا ئۇلۇغ،ھەقىقەتتۇر،
《مىللەتچۈن ياشا ئوغلۇم》ئەمىرى -پەرمانلار تولا.

بولۇپ ھەر چاغ پەرۋانە،چىراغ ئوتىدا مەردانە،
قىلماقچۈن مىللەتنى خۇشنۇد قەسىمى پەيمانلار تولا.

چېكىپ تارنى،ئۇرۇپ خەندان،قىلىپ بۇلبۇلنى مۇستەغرەق،
ئۇيغۇر مۇقام ۋارىسلىرى ھايات ئاماننىساخانلار تولا.

دېمەڭ ئەسلا《ۋادەرىخ،يۈتەر بولدى نەسلى ئۇيغۇرنىڭ》،
ئەجدادلار ئىزىنى بويلاپ نۇرلۇق قەدەم باسقانلار تولا.
     





67 قېتىم كۆرۈلدى dilyar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-11 16:20:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ