يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ - ئېلىجان ئابدۇكېرەم

 يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ

ئېلىجان ئابدۇكېرەم  (دىكەش)
1

ئاتا سىزلىق يۈرەككە يەتتى،
يۈرەك باغرىم قان بولۇپ كەتتى.
ئاتام قەدرى ئەجەپمۇ ئۆتتى ،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ.

2
ئاتام بىلەن كۆچەت تىككەنتۇق،
ئاتام بىلەن مېھمان كۈتكەنتۇق.
ئاتام بىلەن خۇشال ئۆتكەنتۇق،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ .
3

بىلمەپتتىمەن نادانلىقىمدا،
ئاتام تۇرسا ھايات قېشىمدا.
ئەمدى ئەقىل تاپقان چېغىمدا،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ.

4
ئاتام بولسا دەرد تە قالمايتىم،
ئەل ئالدىدا بۇنچە چانمايتىم.
باللاردەك كۈلۈپ يايرايتىم،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ.

5
ئاپرىدە، قىلىپ، جاھانغا،
مېنى تاشلاپ كەتتى قايانغا.
ئوخشاپ قالدىم تىرىك بىر جانغا،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ.


6
كۆڭلۈم سۇنۇق دىلىم ۋەيرەنە،
ئاتام ئىكەن ماڭا غەم خانە.
بۇ دەرد لەرگە بارمىدۇ چارە،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ.
7

ئاتا دېسەم ئاتام كەلمىدى،
ھايات يولى كۆزۈم نەملىدى.
دەرد ئەلەملەر ئارام بەرمىدى،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ.
8

بىلمەپتىمەن قەدرىنى بىر چاغ،
مېنىڭ ئۈچۈن ياساپ تىكەن باغ.
مەڭگۈ ئوچمەس قەلبىمدىكى داغ،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ
9


پۇلمۇ تاپتىم گاھى يوقاتتىم،
دەرد ئەلەمگە، ھەسرەتكە پاتتىم.
يېتىملىكنىڭ دەردىنى تارتتىم،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ.

10

ئاتام ئىكەن بىر ئۇلۇغ ئىنسان،
بولسىمۇ گەر جاپاكەش دېھقان.
ئاتام كېتىپ بولدۇمغو نىمجان،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ
11

ئۆزگىلەرنىڭ ئاتسى بار ئىكەن،
خۇشاللىققا كۈندە يارئىكەن.
ئاتسى يوق مەندەك خار ئىكەن،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ.
12

ئاتام چەككەن نۇرغۇن جاپانى،
يەلكىسىدە يۈدۈپ زور تاغنى.
ئەسلەپ قالدىم نادانلىق چاغنى،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ.

13
نادانلىقتا ئويناپ تىكەن مەن،
قىممتىنى بىلمەپ تىكەن مەن.
سۆزلىرىگە كىرمەپ تىكەن مەن،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ.
14

پەرزەنىت بولۇپ نېمە قىپ بەردىم،
ئارام بەرمەي جاپا تېپ بەردىم.
شۇنى ئويلاپ ئىزىلدى قەلبىم،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ.
15

ھەر ئويلىسام ئاتام قەددىنى،
ئەزگەن ئىكەن بالىنڭ دەرد غېمى.
مەن قەدرىگە يەتكەن شۇ كۈنى،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ.
16

ياشلار تۆكتۈم ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپ،
ھەسرەت ئوتى باغرىمنى تىلغاپ.
يۈرەكىمنى پۇشايمان قىيناپ،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ.
17


ئاتا قەددى ھوسۇللۇق باغ ئىكەن،
يۈلەنسەكمۇ تەۋرەنمەس تاغ ئىكەن.
ئۇنىڭسىز ئوي زۇلمەت مازار ئىكەن،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ.

18


ئانام يالغۇز ھەسرەتتە ئۆتەر،
ئاتام ئۈچۈن كۈندە ياش تۆكەر.
يۈرەكىمنى ئاچچىق دەرد ئىزەر،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ.
19

ئانام قەلبى دەرد ئەلەمدىدۇر،
ئۆينىڭ ئىچى قايغۇ غەمدىدۇر.
دائىم كۆزلەر ياشتا نەمدىدۇر،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ.
20

تەڭتۈشلەرنىڭ ئاتسى بار ئىكەن،
دەرد غېمىگە دۆرسى بار ئىكەن.
مەن غېرىپقا بۇ ئالەم تار ئىكەن،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ.
21

ئاتسى بارقەدرىگە يەتسۇن،
يىغلاتمىسۇن دەردىگە يەتسۇن.
رازىقىلسۇن قەرزىنى بەرسۇن،
يىغلاپ قالدىم يېتىم بوپ قېلىپ.


ئۈندىدار 2318334127
2016--9-2
     





118 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-20 2:40:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-23 5:01:16 تەنھا گۈل
ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ يۈركۈمگە تەگدى ،قولڭىزغا دەرت بەرمىسۇن
2016-12-23 5:01:16 تەنھا گۈل
ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ يۈركۈمگە تەگدى ،قولڭىزغا دەرت بەرمىسۇن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ