چەتكە يايما قىزلار ئەيبىنى
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
ئۆزۈڭ قانچە ، تۇرۇقۇڭ قانچە ؟
سۆزۈڭ قانچە بۇيرۇقۇڭ قانچە ؟
تۈزەتمىش سەن مىللەتنى تېخى ،
ئېيت قازانغان ئوتۇقۇڭ قانچە ؟
يەرگە چاچقان ئۇرۇقۇڭ قانچە.
چەتكە يايما قىزلار ئەيبىنى !
شۇنى بىلگىن دونيا بىر جەننەت ،
بار قۇينىدا تىلسىم رىۋايەت .
رىۋايەتكە چاپلىساڭ تۆھمەت ،
بولۇر نامىڭ يالغانچى پەقەت .
كىم ئىشەنسۇن يالغانغا ئەبەد ،
چەتكە يايما قىزلار ئەيبىنى !
قىزىڭ بولسا ئىگە بول - باشقۇر ،
چۇڭ بولغاندا ئەرگە بەر باش بول .
خەق قىزىنى سۈكمە قالسا تول ،
شۇ نەيزىدەك تىلىڭنى باشقۇر .
بالا تىلدىن كىلىدۇ بالدۇر ،
چەتكە يايما قىزلار ئەيبىنى !
شۇنى چۈشەن قىزلار نازۇك تال ،
نازۈك تالدىن خالغىنىڭنى ئال .
ئەردە بولسا غۇرۇر ئېھتىمال ،
بۈزۈلمايدۇ قىزلارمۇ زىنھار .
قىزغا ئەمەس ئەركەككە زەن سال ،
شۇلار بىلسۇن ئۆزلۈكنى ئاۋال .
كىم كەيپ سۈرمەس جۇپت بولسا ھالال ،
چەتكە يايما قىزلار ئەيبىنى !
ئەركەك بولساڭ غەيۋەتنى تاشلاڭ ،
گۇناھ قىلماي ، گۇناھسىز ياشاڭ .
قىز - ئايالىڭ چىكەڭدىكى مەڭ ،
بار مېھرىڭنى ئۇلارغا ئاتاڭ .
پۇرسەت يوقتۇر ئەمدىگە ئازساڭ .
چەتكە يايما قىزلار ئەيبىنى !
2016- تاشقۇرغان
| 123 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-4 17:02:00 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|