سەنسىزلىك - رۇستەم مەخەت

سەنسىزلىك

 

--رۇستەم مەخەت

 

 قارلىغاچ باھاردا قايتىپ كىلىدۇ،

 گۈللەرمۇ ئ‍ېچىلار توزىغان بىلەن.

ئ‍ىشەندىم سەنمۇ ھەم قايتىپ كىلىسەن،

 خوش دىمەي يىراققا ئ‍ۇزىغان بىلەن.

 شىۋىرلاپ گۈللەرنى سۆيسە شاماللار،

 تەلمۈردۈم خەۋىرىڭ كىلىدۇ دېدىم.

 تولۇن ئ‍اي يۈزىنى كۆرسەتمىسە گەر ،

 يۇلتۇزدىن سۆيگۈمنى بىلىدۇ دېدىم.

 شېئ‍ىرغا ئ‍ايلىنىپ كەتتى سېغىنىش،

 ھەر مىسرا ھىجراننى باغاشلاپ كەلگەن.

 سەنسىزلىك جېنىمنى ئ‍الدى ئ‍ېھتىمال،

 چۈنكى مەن ھېچكىمنى سەندەك سۆيمىگەن.

 

 2016-يىلى 2-ئ‍اي





170 قېتىم كۆرۈلدى rustam ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-25 0:27:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ