ئاشىقلىق قىسمىتى (شېئىر) - ئابدۇراھمان ئىبىراھىم

 ئاشىقلىق قىسمىتى (شېئىر)

ئابدۇراخمان ئىبراھىم كورلا

سورىساڭ،دىلىمنى ئازاب قاپلىدى،
بۇ ئەزىز تېنىمنى، ھىجرانىڭ يېدى.
كەلمىدىڭ ھەجەپمۇ،يېنىمغا نىگار،
ھېلىھەم كۆزلىرىم، يولۇڭدا ئىدى.

ئويلايمەن ھەمىشە،خىيالىم سەندە،
بۇ ئىشقى سەۋداغا، ئامال يوق مەندە.
تاشلىما ئوتوڭغا،بۇنچىلا مېنى،
مەنمۇ ھەم سېنىڭدەك، ئاجىز بىر بەندە.

كېچىسى چۈشلىرىم، سېنى ئىزدەيدۇ،
كۈندۈزى ئىسمىڭنى،تىلىم «يۈز»دەيدۇ.
گۇگۇمدا سايرىغان، كاككۇكقا باقسام،
ئۇ گويا:«بىز ساڭا ئوخشايمىز!»دەيدۇ.

ئاشىقلار ھالىغا بەكمۇ ئېچىندىم،
شۇ ئاشىق ئەھلىنىڭ،بىرى مەن ئىدىم.
«يارىدىن كەچمەپتۇ،قۇشلار جېنىدا،
مەنمۇ ھەم،يارىمنى ئىزدەيمەن»دېدىم.

سېغىنىش- ئازابتا كۈن داۋام ئەتتى.
نەچچە ياز،نەچچە قىش كېلىپمۇ كەتتى.
ئاشىقنىڭ كۆڭلىنى مەشۇق بىلگۈچە،
ئاشىقى ۋىسالسىز، ئۆمۈر تۈگەتتى.

ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ دەمسىز قويماڭ.
     





38 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇراھمان ئىبىراھىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-23 19:20:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ