مۇھەببەتنى يۈرىكىڭدىن سورا
باي خەلق ئوغلانى تاھىرجان مەجنۇن
ئەي زىلۋا نازاكەت كۆيدۈم ساڭا ماڭا بىر قارا،
ئەي يىگىت كۆيگەن بولساڭ مۇھاببەتنى يۈرىكىڭدىن سورا .
چىن قەلبىمدىن كۆيدۈم ساڭا سۆزۈمگە ئىشەن،
سۆز ئاچماستىن ماڭا يىگىت سەن مېنى چۈشەن.
ئەي گۈزەل قىز كۆڭۈل بەرگىن ۋەسلىڭگە يېتەي،
ئەي يىگىت كۆيگەن بولساڭ ئاداققىچە مېھرىمنى بېرەي.
سېنىڭ زىلۋا ئاشۇ ھۆسنىڭ خىيالىگە سالا،
خىيال سۈرمەي يىگىت ۋىجدانىڭنى يۈرىكىڭدىن سورا.
سەن قەلبىمدىن مەلىكەمسەن ئاشىقىم ئۆزەڭ،
راست كۆيدۈڭمۇ يالغانمۇ شېرىنىكەن سۆزەڭ.
گۈزەل ھۆسنىڭ مېنى سالدى ھەر خىل تەشۋىشكە،
شىرىن سۆزنى بولدى قىلما قويمىغىن دەتكە .
ئېيتقان كۆيۈم جاراڭلايدۇ مۇڭلۇق بىر سادا،
يۈرەكلەرمۇ ئارام بەرمەي مۇھەببەتكە قىلىدىكەن نىدا.
سەن ماڭا ئىشەن سەن مېنى چۈشەن،
سۆيىمەن دېمەي مۇھەببەتنى يۈرىكىڭدىن سورا.
تېكىست ئاپتورى باي خەلق ئوغلانى تاھىرجان ھېيىت مەجنۇن.
ئەمگىكىڭگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز تارقاتماق.
ئىشلەتسىڭىز ئاپتۇرنى ئىزدەڭ.تېلېفون ئۈندىدار.13150331763
2016 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 -كۈنى يېزىلغان.
گۈزەل باي كېچىسى
310 قېتىم كۆرۈلدى | majnuntal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-18 6:20:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|