دېھقان قىزى ئالغۇم بار مېنىڭ
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
ھىلە -مىكىر ، كىبىردىن خالى ،
دېھقان قىزى ئالغۇم بار مېنىڭ !
زەپمۇ خۇشخۇي چوڭ ئەمەس ھالى ،
دېھقان قىزى ئالغۇم بار مېنىڭ !
دېھقان قىزى قىپقىزىل گۈلدۇر ،
مۇھەببىتى تېنىمسىز كۆلدۇر .
پۇتۇمغا ، پۇت قولۇمغا قولدۇر ،
دېھقان قىزى ئالغۇم بار مېنىڭ !
ئۇ ، سەھرادا ياشاپ چوڭ بولغان ،
ئۇ ، قۇشلارنى دوراپ چوڭ بولغان .
ئۇ ، بەنەممەك تۇۋلاپ چوڭ بولغان ،
دېھقان قىزى ئالغۇم بار مېنىڭ !
كادىر قىزلار خويمۇ بەدنىيەت ،
يۈرەكنىلا قەستلەيدۇ پەقەت .
قەستلەشلەرنى تەرك ئېتىپ ئەبەت،
دېھقان قىزى ئالغۇم بار مېنىڭ !
گۆھەر تولۇپ ياتىدۇ سايدا ،
تونىمىساڭ ئوندا نە پايدا ؟
رېسق قوشۇلغان خىسلەتلىك ئايدا ،
دېھقان قىزى ئالغۇم بار مېنىڭ !
| 101 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-23 11:50:32 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|