دۇنيادىن ئايرىلىپ ياشار بىر يىگىت
ئابلىمىت ئوسمان (مەرىپەت ئوغلى)
تەركى دۇنيا ياشار بىر يىگىت،
يوشۇرغاندەك يالغۇزلىقىنى .
پىغانىدىن جاھان تىتىرەر ،
تۈن كېچىگە تۆكەر دەردىنى .
نە ئۇنىڭدا كۈلكە -تەبەسسۇم ،
خىياللارغا چۆككەن مۇڭلىنىپ .
قەلبىدە بار ساقايماس يارا،
ئەلەمدە ئۇھ تارتار خۇرسىنىپ .
ئىزدىسىمۇ جىمى ئىقلىمدىن،
كۆرۈنمەيىتتى يارنىڭ قارىسى .
قانغۇدەك بىر يىغلىغۇسى بار ،
ئېغىر ئۇنىڭ يۈرەك يارىسى .
بېرەلمەيدۇ ھېچكىم تەسەللى ،
يېتەلمەيدۇ ھېچكىم ھالىغا .
كۆيۈپ قالغان ئىكەن ئۇ ئەسلى،
ئەرلىك بولغان بىر قىز بالىغا .
222 قېتىم كۆرۈلدى | maripatoghl | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-3-27 19:38:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-4-10 20:32:36 | aygul |
xundak yahci yeziptu kuliga dat barmisun。 |
2016-4-2 0:59:06 | جاپپار |
ياخشى يېزىپسىز جۇمۇ.داۋاملىق تىرىش. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|