ئ‍اتامدەك ياشاش - ھەسەنجان ئابلىمىت
ئ‍اتامدەك ياشاش

ھەسەنجان ئابلىمىت

ئ‍ەگرى- توقاي ھايات يولى قېينىىسا جاننى،
 سەۋىر قىلىپ كۈلدۈم يەنە ئ‍اقسىمۇ قان-ياش،
 داۋان ئ‍ېشىپ مەغرۇر ياشاي ئ‍ەركەكقۇ مەن دەپ،
نىسىپ بولسۇن ئاللاھ ئ‍ىگەم ئ‍اتامدەك ياشاش·

ئ‍از بولسىمۇ كىشىلەردىن تاپقان دۇنيايىم،
يىتەرلىكقۇ ھالال تەردىن زاغرا يەپ ياشاش، 
ئ‍ايرىمىغىن ئاللاھ ئ‍ىگەم غۇرۇر -ۋىجداندىن ، 
تىلىگۈم شۇ تىز پۈكمەستىن ئ‍اتامدەك ياشاش· 


ئاللاھ -ئ‍ىگەم ساخلىغىن شۇ نىجىس شەيتاندىن ،
نىسىپ بولسۇن ئىمان بىلەن نۇرلىنىپ ياشاش، 
تەس بولسىمۇ پاكىز ياشاپ ،پاكىز جان بېرىش ،
نىسىپ بولسۇن ۋىجدان بىلەن ئاتامدەك ياشاش· 🎲♠





97 قېتىم كۆرۈلدى ھەسەنجان ئابلىمىت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-1 23:44:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ