ئىنسان
  ئىنسان
 
 ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم
 
ئىنسان قىممىتى ھەممىدىن ئەلا،
ئۇنىڭ قەدىرىگە يەتكەنلەرگە.
سۆيگۈ مۇھەببەت ھەممىدىن ئەۋزەل،
سۆيۈش قەدىرىگە يەتكەنلەرگە.

مۇھەببەت-نەپرەت ھەممىگە لازىم،
توغرا يولدىن ئۈزۈپ ماڭغانلەرگە.
ئادىمىلىكمۇ ئاسان ئەمەستۇر،
ياخشى-ياماننى ھەم بىلگەنلەرگە.

ئىنسان مىھنەت بىلەنلا كۆكلەيدۇ،
ئەمگەك قەدىرىگە يەتكەنلەرگە.
ھېكمەت ئىگسى ھىممەتتە گۈللەيدۇ،
ئۇنىڭ تەھتىگە ھەم يەتكەنلەرگە.

ھەشكى پۈچەكمۇ گۈل پۇراقى يوق،
نادانلار-نادانلىقتا قالغاندەكلا.
پۇراقسىز گۈلنىڭ ئىتىۋارى يوق،
نادان دەنا قەدىرگە يەتكەندەكلا.
 
2015-يىلى 10-ئۆكتەبىر






159 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-11 16:21:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ