كىملەر چۈشەنگەن

         
كىملەر چۈشەنگەن

ئاغىرىق ئازابىدا ياتسام ئاھ ئۇرۇپ ،
ئازابىم دەشتىنى كىملەر چۈشەنگەن ؟
ۋاي سىماي ياتسام ئاغىرىق يۇتۇپ ،
ئازابىم دەردىنى كىملەر چۈشەنگەن ؟

تىنىمنى كۆردى بولمىدى ھىسداش ،
ھەتتا يىراق تۇردى كۆرسە ساۋاقداش .
ھېچ كىشىدىن ئالالمىدىم سەبىر بەرداش،
مىسكىن دىلىمنى كىملەر چۈشەنگەن ؟

كېسەل بولمىدى تەن  ، ئاغىرىق يۈرەك ،
ئاتا-ئانامدىن باشقىدا بولمىدى تىلەك .
ئۈنىسز ياش تۆكتى قايغۇرۇپ يۈرەك ،
قايغۇ باسقان دىلىمنى كىم چۈشەنگەن ؟

ھەر نەپەستە تىنىقلىرىم بولسىمۇ خىرە ،
يۈرەگىم گۈپۈلدەپ سۇقۇپ توختار بىرە .
كۆزلىرىم تورلىشىپ بەزىدە خىرە ،
ھالسىرغان تىنىمنى كىلمەر چۈشەنگەن ؟

سىرىم كۆپ بولسىمۇ سىغدۇردى يۈرەك،
باشقىلار بىلسە ھەرقەدەمدە كولارئورەك.
ئاگاھ بول قەدەم سىرىڭ بولسۇن يۈرەك ،
سىرخانەم يۈرەكنى كىم چۈشەنگەن  ؟


مۇھەممەت ئىمىن قەدەم

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ئۈندىدار  : 2042420589

 

ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!




     





120 قېتىم كۆرۈلدى kadam ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-7-2 13:47:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ