يۈرىكىمدە يىلىنجايدۇ داغ - ئ‍ەرئەلى مەھمۇد ئ‍ىزتېكىن

يۈرىكىمدە يىلىنجايدۇ داغ 

ئ‍ەرئەلى مەھمۇد ئ‍ىزتېكىن 

ئ‍ۆتمۈشۈمنى ئەسلەتمە تاشلار ،
تاشلىۋەتتىم ئ‍ۆزۈمنى نەچاغ. 
مازاق قىلما يۇلتۇزلار كۈلۈپ ،
يۈرىكىمدە يىلىنجايدۇ داغ . 

گۈللىرىمنىڭ بەرگىدە بىھۇش، 
شىۋىرلايدۇ بىر قۇچاق ئ‍ازاپ. 
تىكىنىگە ئ‍ۇرۇپ ئ‍ۆزىنى ،
ئ‍ۆلدى بۇلبۇل يۈرىكى قاناپ . 

يار بەخىتلىك بولسا كىم بىلەن ،
كىم ئ‍اڭلىسا ساقلىسۇن پىنھان . 
يۈرىكىمنىڭ كۆيەر پارىسى ،
چىن سۆيگۈگە تەلمۈرۈپ ھامان. 

2016-يىل 7-ئ‍ىيۇل ،غۇلجا





79 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ىزتېكىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-9 0:30:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ