ھىجران چۆلى
ئاپتۇرى- مەمەتجان سامساق
ئۇنتۇش ئۈچۈن ھىجراندا تاتساممۇ سېغىنىش دەردىنى ـ
قىينىماقتا ئازاپ ھەسرەت ئەتتى ئىچىمنى مىڭ پارە ـ
سۇزىلار جۇدالىق بەلبېغى شامالدا يەلپۈنگەن قىياقتەك ـ
مەنزىلىم مۈشكۈل داۋان قايتىشقا يوقتۇر نە چارە ـ
باقىمەن يۇلتۇزغا مېھىرلىك، ئۆرتىگەچ ئازاپنىڭ پاتقىقى،
خۇشاللىقىم قالدى قايان سۈرگىنىم ۋىسالىنىڭ ياتلىقى ـ
يۈرەكلەر بولدى زەئىپ مۇقەددەس غورورۇم ۋەجىدىن،
ئېزىقىپ قالدىم ھاياتتا كەتتى كۆڭۈلنىڭ شادلىقى ـ
بىھۇش كۆزلىرىم نۇرسىز ئازاپ ئىچرە ھەسرەتلىك ياش ـ
تىلسىمات بولدى ھاياتىم ، سۆيەر كىم قايسى قەلەمقاش ـ
قالدى داغ قالدى يۈرەكتە پالاندىم تەنھالىق چۆلىگە ـ
يىشىلمەي سىرلىرى ھاياتنىڭ، بولدى ئەلەملەر قاتتى باش ـ
نە ئامال ھىجران چۆلىدە مۇزلىدى باغرىم قايمۇقۇپ ـ
ئوتلىرى ئاتەش قەلىبتىن يەتمىدى كۆڭۈلگە بىر نىدا ـ
زارىقىپ كۈتسەممۇ سەبرىمدىن بىخلانماي ھېچبىر ئۈمۈد ـ
كۈيچىسى بولدۇم مۇھەببەت ۋىسالسىز يار ئىشقىدا ـ
مەرىپەت گۈلزارلىغىدا سايرىغان مۇڭ بۇلبۇل كۈيى ـ
لەرزىگە سالسا جاھاننى، سالمىدى پەرىلەر ھېچ قۇلاق ـ
شۇڭا بىر كەم ئاتالغان زەينەپكە بەرمەي ئادالەت ـ
زار يىغلايدۇ كاككۇكمۇ ئاققۇزۇپ كۆزدىن بۇلاق ـ
مۇھەببەت كۈيچىسى
2016-10-27
ئاپتۇرى- ئاقسۇ شەھەر قارتال بازىرىدىن مەمەتجان سامساق
تىلفۇن ئالاقە ئۈندىدار نۇمۇرۇم. 15599755288
| 202 قېتىم كۆرۈلدى | مەمەتجان سامساق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-27 0:31:31 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|