ئوقىغىن

ئوقۇغىن


  يۈسۈپ ئەخمەت


ئەي ئويغۇرۇم ئوقۇغىن غەپلىتىڭ يېتەر،

ئوقۇش بىلەن سەندىكى ھورۇنلۇق كېتەر.

بىلىم بىلەن ياشلىقنى گۈزەل قىلمىساڭ،

ئۆكىنىسەن ۋاقتىڭغا ھالىڭ بەك خەتەر.


ئوقۇ كىتاپ،ئال قەلەمنى،ئاچ كۆزۈڭنى،

بىلىم بىلەن ۋەتىنىڭگە، چاچ نۇرۇڭنى.

قويساڭ توپىدا ئوقۇماي كىتابىڭنى،

نائىلاج خارلىنىسەن، پۇشايماندا بىر كۈنى.


ئۆز كەلگۈسىڭ ھەققىدە ئويلىغىن ئۇزاق،

يوللۇرۇڭغا تۇيماستىن قۇرمىغىن تۇزاق.

ئوقۇماي دۇنيادا بىلىمسىز قېلىپ،

ئەجداتلار ئالدىدا قالمىغىن سوراق.


يۈسۈپ ئەخمەت باشلامچى  





203 قېتىم كۆرۈلدى baxlamqi ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-8 10:14:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ