يېڭى يىل (شېئىر)
ئامىنە
قوغلۇشۇپ سەركەش يىللار بىربىرىنى ،
زەپەر بىلەن كىرىپ كەلدى يېڭى يىل .
ئاق تىلەكتە تىزىپ كۆڭۈل سوۋغىسى ،
ئامەت، بەخىت سۇنۇپ كەلدى يېڭى يىل .
تىرىشچاننىڭ يولىغا تېڭىپ ئامەت ،
ئۇتۇق كۈيى چېلىپ كەلدى يېڭى يىل .
ئىزدەنگەنگە توختاۋسىز ئېقىن كەبى ،
يېڭى نىشان سۇنۇپ كەلدى يېڭى يىل .
ئاق تىلەكلەر ياغدى قاردەك لەپىلدەپ ،
قۇد بەخىت جۇلاسى چاچنى يېڭى يىل .
ئۇتۇق ،ئامەت يار بولسۇن ھەممىمىزگە ،
گۈزەل ئىستەك سۇنۇپ كەلدى يېڭى يىل .
| 115 قېتىم كۆرۈلدى | ئامىنە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-1-1 14:32:16 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|