كىم بار (شىئىر) - كىرەمجان ئابدۇقەييۇم

كىم بار (شىئىر)

 كىرەمجان ئابدۇقەييۇم


كىتىپ قالسام يىراققا ئەگەر،
كىلىشىمنى كۈتەرگە كىم بار؟
يوللۇرۇمدىن ئادىشىپ قالسام،
قولۇم تارتىپ كىتەرگە كىم بار؟

بىراۋ ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ يۈرسەم،
مىنىمۇ ھەم سۆيگۈدەك كىم بار؟
  قاۋاقلاردا يىقىلىپ يۈرسەم،
ھالىم سوراپ يۆلەرگە كىم بار؟

مال دۇنياغا ئاشىقلار كۆپتۇر،
يۈرۈگۈمگە كۆيەرگە كىم بار؟
بولۇپ قالسام ئەگەر دىۋانە،
دوستۇڭمەن دەپ كۈلەرگە كىم بار؟

سىناقلىرى كۆپتۇر ھاياتنىڭ،
تەڭ سىنىلىپ ئۆتكۈدەك كىم بار؟
كىتەر بولسام ئەگەر دۇنيادىن،
تاشلاپ كەتمە دىگۈدەك كىم بار؟
     





267 قېتىم كۆرۈلدى kiramjan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-30 19:31:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-31 22:25:12 كىرەمجان
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﯩﻜﯩﺴﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭﻯ:kiram177
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ