مۇھەببىتىمىزنى ئاتا-ئانىمىزغا بېرەيلى
(نەسىر)
شەيىدە ئاي ئەخمەت
 بىزنى بۇ يورۇق دۇنياغا ئاپىرىدىن قىلغان  ئاتا-ئانىلار ،دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ،ئەڭ بۈيۈك ئىنسانلاردۇر.ئۇلار بارلىق مېھىر- مۇھەببەتنى ئۆزلىرىنىڭ پۇشتى بولغان ئوماق بالىلىرىغا ئاتىۋەتكەن.ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئاقماقتا،بالىلىرى ئۈچۈن  بارلىقىنى  بېغىشلىماقتا.ئەمما بىز بولساق ئاشۇ مېھىر- مۇھەببىتىمىزنى كىملەرگە ئاتىماقتىمىز؟
           بىز ئاتا-ئانىلىرىمىزغا نىمىلەرنى قىلىپ بەردۇق؟بىز تۇغۇلۇپ تاھازىرغىچە ھېچنىم قىلىپ بەرمىدۇق.ئەكىسچە ئاشۇ مۇھەببەتلىرىمىزنى ئاقى يوق مۇھەببەتلەرگە،ساختا كۆيۈنۈشلەرگە،ساختا ئەقىدىلەرگە بېرىۋاتىمىز.كۆيدۈم، پېشتىم دىسىلا،ئاشۇ گەپلىرىگە ئېشىنىپ،ئېرىپ،مۇھەببىتىمىزنى ئاشۇ ئادەملەرگە بېرىۋاتىمىز.ئاتا-ئانىمىز بىلەن ئازراقمۇ كارىمىز يوق.ئاتا-ئانىمىز بىز ئۈچۈن كېمەي كىيگۈزۈپ،يېمەي يىگۈزۈپ،توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ، جاپالاردا چوڭ قىلدى.ئەمما بىز يەنىلا،ئاتا-ئانىمىزغا كۆيۈنۈپ،ئۇلارنى ئويلاپ قويمىدۇق.ئاتا-ئانىمىز ئاغرىپ،ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالسا،قارىمىز يوق.ئەمما،ئاشۇ مېھرىمىزنى بەرگەن كىشىلىرىمىز ئاغرىپ قالسا،ئۇلاردىن كېچە-كۈندۈزئەنسىرەپ يۈرۈيمىز.ئۇنداقتا مۇھەببىتىمىزنىڭ كۆزى يوقمۇ؟!بىزنىڭ ئازراقمۇ ۋاقتىمىز يوقمۇ؟
         مېھىر-مۇھەببەت كىشىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي قائىدىلەرنىڭ بىرى.مېھىر-مۇھەببەت بىزگە مېھرى،بارلىقىنى ئاتا قىلغان كىشىلەرگە مەنسۇپ.ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى قاتاردا چوڭقۇر قەلبىمىزنىڭ قاپلانلىرىدا ئورۇنلىنىپكە كەت ىكەن،ئاشۇ مېھرىبان ئاتا-ئانىمىزغا مەنسۇپ. بىز ئەمدى ئويغانمىساق، ۋاقتى سائىتى كەلگەندە قاتتىق پۇشايماندا قالىمىز.بىز ئاقى يوق كېيىن كىشىلەرگە مېھرىمىزنى بەرمەستىن،ئاشۇ كېچە-كۈندۈز بىزنىڭ غېمىمىزنى يەيدىغان،بىز ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان،بىز ئۈچۈن ياش تۆكۈۋاتقان ئاتا-ئانىمىزغا بىرەيلى!ئۇلار بۇ ئالەمدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالسا،مىڭ تۆۋۋە قورساقمۇ،پۇشايمان قىلساقمۇئورنىغاكەلمەيدۇ.ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالىمىز.
               بىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ كۆڭلىگە ھەرگىزمۇ ئازار بەرمەيلى ھەم  داغ تەگكۈزمەيلى.بۇ ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ قىلىدىغان ئېشى ئەمەس، بىز ئاتا-ئانىمىزغا ئازار بەرسەك،كۆزىمىزدىن ياش ئاققۇسساق،كېيىنچە،بالىلىرىمىزمۇ بىزنىڭ كۆزۈمىزدىن ياش ئاققۇزدۇ،قاقشىتىدۇ.بىز ئاتا-ئانىرىمىزغا نىم قىلساق،باللىرىمىزدىن شۇنى كۆرىمىز.شۇڭا دوستلۇرۇم،ئاتا-ئانىمىزغا مۇھەببىتىمىزنى بىرەيلى!ئۇلارنى ئاسرايلى!ئۇلارنى بۇ دۇنيادا تىرىك يېتىم قىلمايلى!ۋاقتىمىز بولسىلا ئۇلارنى يوقلاپ تۇرايلى! بۇ دۇنيادا بىزنى ھېچكىم ئۇلاردەك سۆيەلمەس........
      
| 142 قېتىم كۆرۈلدى | شەيىدە ئاي ئەخمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-4 3:35:18 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |