ھاراققا مەدھىيە - ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
ھاراققا مەدھىيە 

ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش 

ھاراق دېگەن ئېشەك سۈيدۈكى ،
دەيدۇ بەزەن كىشى چالۋاقاپ ،
مەنلا ئىچەي ھېچكىم ئىچمىسە ،
شەربەتتۇر دەپ ھەممىگە ماختاپ .

نىمە گۇناھ ئاشۇ ھاراقتا ،
شاد كۈلدۈرەر غەمكىن ئىنساننى .
ئەزرائىلنى تۇيدۇرماي چىللاپ ،
ئالالايدۇ قىينىماي جاننى .

دوسىت ئاغىنە ئالدىراش ئۆتەر ،
داستىخاندا ھاراق بولمىسا .
كۆرۈشكەنلەر ئالدىراپ كېتەر ،
مۇڭدىشارغا ھاراق بولمىسا .

ھاراق ئىچمەي ئۆتمەيدۇ ئايەم ،
كۆڭۈل دېدۇق تۇتساقمۇ ماتەم .
ھاراق ئىچمەي تويلار قىززىماس ،
شۇدۇر ئەسلى مودا زامانەم .

شۇڭا دەيمەن دوس يارەنلەرگە ،
گۈل كۈرىنەر ھاراق كۈزۈمگە .
قۇسۇقلارغا مىلىنىپ ياتساق ،
ئېلىپ بارار ھامان ئەرىشكە .

مەرى ئىسسىق قىز كەبى ھاراق ،
بىلمەي ئۇنى ئەسكى دېمەڭلار .
ئۈلپەت بۇلۇپ ئاشۇ ھاراققا ،
ئۆلسەڭلارمۇ ئىچىپ ئۆلۈڭلار .

2016-يىل 29-ئاۋغۇست 
(مارالبېشى)




122 قېتىم كۆرۈلدى ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-30 9:55:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ