ۋىسال پەيتى
پەرھات نىياز
ئۈزىدۇ يىگانە كۆكتە تولۇن ئاي،
ھەممە ياق تىپتىنچ سۈكۈتتە زېمىن.
تۇرىدۇ بىر يىگىت ئۆستەڭ بويىدا،
تەلمۈرۈپ يول تامان ئۈمىدتە تەمكىن.
شۇ مىنۇت يىراقتىن كەلدى بىر سايە.
ئالماشتى ھاياجان يىگىت كۆزىگە،
چىرماشتى جۈپ سايە بىر گەۋدە بولۇپ،
مۆكتى ئاي خىجىل بوپ بۇلۇت كەينىگە.
خىجىللىق ئىلكىدە قالما تولۇن ئاي،
بۇ دۇنيا سۆيگۈگە ئورالغان شۇنداق.
ئاشىقلار ئۈچۈن بۇ ئۇنتۇلماس دەملەر،
ئۆتمەيسەن يىگانە سەنمۇ ھەم بۇنداق
…خاتىرەمدىن
54 قېتىم كۆرۈلدى | پەرھات نىياز | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-31 5:11:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|