مېنى يار دېسەڭ - ئېلىجان ئابدۇكېرەم

مېنى ياردېسەڭ

ئېلىجان ئابدۇكېرەم  ( بارچۇق ئوغلى )

كەلگىن قېشىمغا مېنى بار دېسەڭ،
مەندىن قاچمىغىن مېنى يار دېسەڭ.
ئېيتىپ بەرگىنە يۈرەك سۆزۈڭنى،
بۇنچە ئاشمىغىن مېنى يار دېسەڭ.

كەلمىكىڭ مۈشكۈل كېتىشىڭ چاققان،
نەدە بار سۆيگەن يارىدىن قاچقان.
ياخشى خۇيۇڭدا سەن ماڭا ياققان،
مەندىن قاچمىغىن مېنى يار دېسەڭ.

ئۆتمەكتىمەن ئارقاڭدىن ماراپ،
ئالالماي سەندىن بىر ئېنىق جاۋاب.
ئىلتىجا ئەيلەپ تارتىمەن ئازاب،
مەندىن قاچمىغىن مېنى يار دېسەڭ.

ئارقاڭدىن يۈرسەم ئەل نېمە دەيدۇ،
مەجنۇنلار كەبى ئالجىپتۇ دەيدۇ.
كۆڭلۈمنى سەندىن بۆلەك بىلمەيدۇ،
مەندىن قاچمىغىن مېنى يار دېسەڭ.

ناخشا تېكىستى ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلشىڭ
ئۈندىدار 2318334127
     





38 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-10 9:42:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ