ئاناڭ كەتسە ھەممە كىتەركەن

      ئاناڭ   كەتسە ھەممە كىتەركەن

ئابدىراھمان ھېكىم-ئىـــــــــشەنچ

قېرىنداش سەندىن  ياتلىشاركەن،
ئۇرۇق تۇققانمۇ ھەم تاشلاركەن.
غېرىپ بۇلۇپ غەملەر باساركەن،
ئاناڭ كەتسە ھەممە كىتەركەن.

خۇلۇم قوشنا گەپ تاپاركەن،
دوست بۇرادەر يىراق قاچاركەن.
ئەل جامائەت ئارغا ئالماسكەن،
ئاناڭ كەتسە ھەممە كىتەركەن.

ئۆيلۈرۈڭدىن بوران ئۇچاركەن،
كىگىز پالاز توپا باساركەن.
قازان قۇمۇچنى دات باساركەن،
ئاناڭ كەتسە ھەممە كىتەركەن.

كىيىم كېچەكلەرىڭ يۇيۇقسىز،
يوتقان كۆرپىلىرىڭ  يىغىقسىز.
بارچە ئىش تاشلىنىپ قىلىقسىز،
ئاناڭ كەتسە  ھەممە كىتەركەن.

بولماسكەن تۇرمۇشنىڭ لەززىتى،
قىينار سىنى دەرت ھەسرىتى.
قان-قان يىغلايدىكەن يۈرەكى،
ئاناڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.

ئانىسىز ئۆيلەر مازار ئىكەن،
نەگە دەسسەڭ تىكەن كىزەركەن.
دىلنى شۇنداق  قاتتىق ئىزەركەن،
ئاناڭ كەتسە ھەممە ئىزەركەن.

يىگەن تاماقلار بەكلا تۇزسىز،
تېتىماسكەن ئېغىزغا تەمسىز.
يۈرەلمەسكەن بىر كۈنمۇ غەمسىز،
ئاناڭ كەتسە ھەممە كىتەركەن.
2017-يىل1-ئىيۇلە كىتەركەن

ئابدىراھمان ھېكىم-ئىـــــــــشەنچ

قېرىنداش سەندىن  ياتلىشاركەن،
ئۇرۇق تۇققانمۇ ھەم تاشلاركەن.
غېرىپ بۇلۇپ غەملەر باساركەن،
ئاناڭ كەتسە ھەممە كىتەركەن.

خۇلۇم قوشنا گەپ تاپاركەن،
دوست بۇرادەر يىراق قاچاركەن.
ئەل جامائەت ئارغا ئالماسكەن،
ئاناڭ كەتسە ھەممە كىتەركەن.

ئۆيلۈرۈڭدىن بوران ئۇچاركەن،
كىگىز پالاز توپا باساركەن.
قازان قۇمۇچنى دات باساركەن،
ئاناڭ كەتسە ھەممە كىتەركەن.

كىيىم كېچەكلەرىڭ يۇيۇقسىز،
يوتقان كۆرپىلىرىڭ  يىغىقسىز.
بارچە ئىش تاشلىنىپ قىلىقسىز،
ئاناڭ كەتسە  ھەممە كىتەركەن.

بولماسكەن تۇرمۇشنىڭ لەززىتى،
قىينار سىنى دەرت ھەسرىتى.
قان-قان يىغلايدىكەن يۈرەكى،
ئاناڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.

ئانىسىز ئۆيلەر مازار ئىكەن،
نەگە دەسسەڭ تىكەن كىزەركەن.
دىلنى شۇنداق  قاتتىق ئىزەركەن،
ئاناڭ كەتسە ھەممە ئىزەركەن.

يىگەن تاماقلار بەكلا تۇزسىز،
تېتىماسكەن ئېغىزغا تەمسىز.
يۈرەلمەسكەن بىر كۈنمۇ غەمسىز،
ئاناڭ كەتسە ھەممە كىتەركەن.
2017-يىل-31-ماي

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589

     


     





70 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-31 11:09:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ