بىز ئوقۇش پۈتتۈرىمىز ، بىزدىن رەنجىمەي تۇرۇڭلار (نەسىر) - زۇبەيدە ئابلىمىت

 بىز ئوقۇش پۈتتۈرىمىز، بىزدىن رەنجىمەي تۇرۇڭلار
زۇبەيدە ئابلىمىت 


بىز بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىمىز،تۆۋەن يىللىقتىكىلەر بىزگە ھەۋەس قىلىشىدۇ،خۇددى بىز ئالدىنقىلارغا ھەۋەس قىلغاندەك.
بىز بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىمىز ،ئاتا -ئانىلىرىمىز بوۋا مومىلىرىمىز بىزنىڭ ئامان ئېسەن پۈتتۈرۈشىمىزگە دۇئا قىلىشىدۇ.
بىز بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىمىز،مەھەللىمىزدىكى غەيۋەتچى ئاياللار بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن يېڭى ھېكايىلەرنى توقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
بىز بۇيىل ئوقۇش پۈتتۈرىمىز،دەرىسىمىز ئاز كىم قاچان  كۆرسە بىكاردەكلا كۆرۈنىمىز.
لېكىن بېسىمىمىز غەملىرىمىز ...ئۆزىمىزگىلا ئايان
نەلەردە كەم قالغان ئوقۇش نومۇرلىرىمىزنى تولۇقلاش،قايسى بىر قېپ قالغان ئىنتىھانلىرىمىزدىن قايتا ئىنتىھان بېرىش،قايسى بىر ئاتالمىش كىنىشكىلىرىمىزنى تولۇقلاش،خىزمەت ئىزدەش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىنىپ پىداگوگىكا ئوقۇغانلار بوغالتىرلىقنىڭ،بوغالتىرلىق ئوقۇغانلار ئەدىليەنىڭ كىنىشكىلىرىنى تولۇقلاۋاتىمىز.
تېخى ئەڭ مۇقەددەس بولغان ئىلمى ماقالە بىزنىڭ قەلەم تەۋرىتىشىمىزنى كۈتمەكتە.
بىز ئوقۇش پۈتتۈردىغان يىلى ئاتا ئانىمىزغا پۇل اىيىشكە راسلا خېجىل بولىمىز،ئۆزىمىز ئىشلەيلى دەيمىز لېكىن يەنە ئاللىقانداق ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرىيمىز.
بىز ھازىر ئۇنچان ئوقۇش پۈتتۈرۈش كىنىشكىسى ئالالماسلىقتىن ئەنسىرەيمىز ،ئاندىن خىزمەت تاپالماسلىقتىن ئەنسىرەيمىز.
ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانى مەمۇرلۇق ئىمتىھان ھەر خىل كەسپى ئىمتىھان يۈز تۇرانە ئىنتىھانلار كۆزىمىزاىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
بىز بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىمىز.كىيىنىشلىرىمىزمۇ باشقىلارغا سۆز چۆچەك ،مودا كىيىنسەك ھال كىرىپ قاپتۇ دىيىشىدۇ،ئۆز پېتى كىيىنسەك ئۈرۈمچىنىڭ توپىسى يۇقماپتۇ دىيىشىدۇ
بىز بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىمىز بىز بىكارچىلىق ئىچىدە ئالدىراش ھارغىن يۈرۈشىمىز.
خىزمىتى تەييار خىزمەت تاپقانلارغا ھەسەت قىلمايمىز يۇ ئۇلارغا قاراپ جىددىلىشىمىز
بىز بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىمىز باشقىلارنىڭ نەزىرىدە تۆت يىل بەش يىل ئوقۇشىمىز ئاسانلا پۈتۈپ قالغاندەك ئويلىشىدۇ،لېكىن بۇش بەش يىللارغا كىرىشىپ كەتكەن جاپا ،سىڭىشىپ كەتكەن كۆز ياشلارنى ئۇلار ھېس قىلالمايدۇ
بىز بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىمىز
خىزمەت تاپالمىدى دىگەن ئاتاقنى ئالغۇچە نەدە ئىشلىسەم مەيلى دەپ بەش يىللىق مۇساپىرلىقىمىز ئاز كەلگەندەك يەنە يىراق يەرلەرگە خىزمەت ئىزدەپ كەتمەكچى بولىمىز
بىز بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىمىز
ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولىمىز يېڭىلىق ياراتماقچى بولىمىز لېكىن بىزدە نەزەرىيە باز ئەمەلىيەت يوق غايە بار مەبلەغ يوق ئاتا ئانىمىز تۆمۈر تاۋاققا ئېرىشىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئادىمى بولسىكەن دەيدۇ
بىز بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىمىز ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا قېرىنداشتەك بوپ كەتكەن ساۋاقداشلىرىمىزغا مەكتىپىمىزگە قىيمايمىز
بىز بۇيىل ئوقۇش پۈتتۈرىمىز بەلكىم مەكتەپتىكى مۇھەببەت دەرۋازا ئالدىغىچە دىگەن كۈنلەر بىزگىمۇ كېلەر
سۆيگۈنىڭ كۈچىدە سېھىرلىنىپ ئىككى يۇرتتىن بولساقمۇ ئالىمەن تېگىمەن دىيىشكەنلەر ئەمدى ھەر سەۋەب ھەر قىسمەتلەر بىلەن يولىمىزغا راۋان بولۇرمىز
بىز بۇ يىل ئوقۇش پۈتەۈرىمىز مەكتەپنىڭ چوڭلىرى شۇڭا چوڭلاردەك بولمىساق بولمايدۇ
كۈندە چارچىساقمۇ يىغلىساقمۇ يىراقتىكى ئاتا ئانىمىزغا كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلمىساق بولمايدۇ
بىز بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىمىز بىزنىڭ يەنە بەش يىل بىزگە ماكان بولغان بۇ شەھەرلەرنى ئايلىنىۋالغۇمىز،يايرىۋالغۇمىز؟تاتلىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۋالغۇمىز بار
لېكىن يەنە ئەنسىرەيمىز يەنە تەشۋىشلىنىمىز
ئالىي مەكتەپكە قانچە جاپادا  ئۆتكەن بولساق يەنە شۇنداق مۈشكۇلاتتا چىقىپ كېتىمىز
بىز چارچىدۇق نازۇكلىشىپ كەتتۇق شۇڭا بەلكىم سىلەرگە ياخشى مۇئەمىلە قىلالمىغاندىمىز،چاقىرساڭلار بارالمىغاندىمىز،تېلېفونۇڭلارنى ئالالمىغا قىسقىسى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالمىغاندىمىز …
لېكىن بىزدىن رەنجىمەي تۇرۇڭلار چۈنكى بىز بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىمىز!!!





1348 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-2 18:39:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-17 21:44:30 na za ka t
E si l l l l l
2017-3-15 7:16:46 غۇنچەم
ئاق كەپتەر ئاخىرى قانات چىقىرىپتۇ،ئەسىرىڭنى كۆرۈپ خوش بولدۇم ،نەق گەپنى قىپسە
2017-3-15 5:54:54 nurxat
yahxi izip siz sakam
2017-3-15 4:15:34 almira
ئەسەر ياخشىكەن،لىكىن ئىملا خاتالىقى سەل كۆپكەن ،😜
2017-3-15 4:06:09 زۇلنىگار خالمۇرات
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ