…قانداق ياشىسام بولار…
چىچەك كاشغەرى مۇنىرە
كۈلۈپ يۈرسەم ئۆزۈڭنى تۇتمامسەن دىسە،
يىغلىسام چىرايىڭنى ئاچمامسەن دىسە .
قاپىقىمنى تۈرۈپ يۈرسەم ھاكاۋۇر دىسە،
قانداق ياشاپ ئۆتسەم بولار كىشى ئالدىدا.
…………………………………
سۈكۈت قىلسام گۇنايى بار جىم بولدى دىدى،
سۆزلىسەم گىپى جىق كەم سۆز بول دىدى.
شۇ سەۋەپتىن مىجەزىمنى غەلىتە دىدى ،
جاپا چىكىپ ئۇلار شۇنچە غەملىرىم يىدى.
……………………………………
ئېغىر بېسىق بولسام تېخى دەردى بار دەيدۇ،
شوخ بولسام ساراڭدەك يۈرىيدۇ دەيدۇ.
يوقاپ كەتسەم بۇ دۇنيادىن كىم نىمە دەيدۇ،
قانداق ياشاپ ئۆتسەم بولار شۇ دوسىت ئالدىدا.
…………………………………
خەخ نىم دىسە دەۋەرسۇن ئۆزۈملا بىلەي ،
يىغا كەلسە يىغلاپ كۈلگەندە كۈلەي .
كۆڭۈلنى چۈشەنمەس كىشگە يارغىچە،
ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈملا كۆرەي .
…………………………………
ئەمدى بىلدىم ئىنسانغا يارايمەن دىگىچە ،
باشقىلارنىڭ غېمىنى ئارتۇق يىگىچە .
بىراۋلار كەپ كۆڭۈلنى ياخشى بىلگىچە ،
ئۆزۈم بىلگەننى قىلىپ خۇشال بىر ياشاي.
………………………………
چىچەك كاشغەرى
2016.9.27…
79 قېتىم كۆرۈلدى | qiqak | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-13 14:50:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|