بەزىلەر (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

بەزىلەر

مەمەتجان سەمەت  

                                          
يىقىلغاننى كۆرگەندە .
يۆلىمەسكەن بەزىلەر.          
قاراپ تۇرۇپ بىر چەتتە،
كۈلەر ئىكەن بەزىلەر.

ئىشلەپ بايغا قۇل بولۇپ،
تاپقان پۇلنى ئۇتتۇرۇپ.
تاڭ ئاتقىچە ئاھ ئۇرۇپ .
تۈنەر ئىكەن بەزىلەر.

ئىچىپ چىكىپ قاۋاقتا،
ئۆيلىرىگە ماڭغاندا.
يېتىپ قۇسۇپ يوللاردا،
يۈرەر ئىكەن بەزىلەر.

زار قاخشىتىپ دادىسنى،
پەرىشتىدەك ئانىسنى.
ئالىيىپ قاراپ قاپاقنى،
تۈرەر ئىكەن بەزىلەر.

قاپقان قۇرۇپ توغۇرلاپ،
بالىلارنى ئوغۇرلاپ.  
تۈلكە كەبى يورغىلاپ،
يۈتەر ئىكەن بەزىلەر.  

يامان قىلىپ پەيلىنى،
يەپ كىشىنىڭ ھەققىنى.
بۇ ھاياتنىڭ پەيزىنى ،
سۈرەر ئىكەن بەزىلەر.

ئاپتورى : مەمەت جان سەمەت
ئۈندىدار : 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
     





338 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-20 23:24:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-21 15:48:58 پەخىردىن
قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن ،ھارمىغايسىز 👍
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ