كۈز كەلدى
ئەمەرجان ماخسۇت شاھتۈرك
دەرەخ شاخلىرى قالدى يالىڭاچ،
ئەڭ سۇنۇق مۇڭسىرغان قەلبىمگە ئوخشاش.
تۈكۈلدى بەك ئاستا سارغايغان ياپراق،
ئۇنىڭ مۇڭ تۈكۈشى ھەسرەتكە تۇتاش.
ئۆستەڭدە ئاقماقتا سۈپسۈزۈك سۇلار،
قىرغاققا ئۇرۇلۇپ تاتلىق شىۋىرلاپ.
ماڭمايدۇ بۇيولدىن ئوتۇنچى ئەمدى،
ئىشەك ھارۋىسىدا ئاستا غىچىرلاپ.
قەدىمىم توختىدى تۇپراق بېشىدا،
ھەمراھ بۇپ تۇرىدۇ ياندىكى توغراق.
شىۋىرلاپ مەغپىرەت تىلەيدۇ بەلكىم،
ساپسېرىق سارغىيىپ شاختا يۇپۇرماق.
بىر بوغۇق نىدابار مىسكىن قەلبىمدە،
يىغلىماق بولىمەن يىغلىيالمايمەن.
ئېچىشار يۈرىكىم كۆيۈپ كەتكەندەك،
چىدىماق بولىمەن چىدىيالمايمەن.
يۇرتۇمغا كۈز كەلدى بەكمۇ ئۇز كەلدى،
مۇل ھۇسۇل شادلىقى دىللارغا تۇتاش.
مەن شۇنداق ئويلىدىم، بەلكىم شۇنداقتۇ،
شۇقەدەر سوغۇق نۇر چاچىدۇ قۇياش.
2015-يىلى 25-ئۆكتەبىر يۇرتى قاراقاش قاراساي
36 قېتىم كۆرۈلدى | gulum | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-7 0:57:32 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|