مۇھەببەت
مۇختەر ھېكىم
پاك مۇھەببەت نېھمىتى جاھاننى گۈل قىلۇر ،
تەغدىر قىسمەت ھېكمىتى ھاياتنى كۈل قىلۇر.
نە ئادالەت بولمىغاچ تەڭشەلمەس جاھان ،
نەۋقىرانە ئاشىقلارنى يەر يەكسان قىلۇر.
شانۇ-شەۋكەت تېزىكى گۈلگە تاج بولۇر،
ئۇيۇل تاشتەك ئاشىق-مەشۇقنى قۇربانە قىلۇر.
ھۆرگۈلىستان يۈزىنى باسقاچ قارا زۇلمەت ،
ئاپئاق قاردەك پاك زېمىن گۆرىستان بولۇر .
خار قىلما ئەي دۇنيا ئاشىق -مەشۇقنى،
كۆرسەتمە چۆمۈچ قىپ كىچىك قوشۇقنى.
زېمىندىن ھاياتقا نىشان تاپقۇچە ،
ئارقىدىن سۈرەن سېپ چاقما ئوشۇقنى .
ئېرىقنى دەريا قىپ كۆرسەتتىڭ چەكسىز ،
كۈلپەتنى داۋان قىپ كۆرسەتتىڭ تەگسىز.
گۇناھى نە زادى ئەيلە سەن بايان ،
ئۇز گۈلنى سەن جۇدا بۇلبۇلدىن شەكسىز .
2015-12-17 پەيشەنبە
| 101 قېتىم كۆرۈلدى | تەغدىر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-8 20:06:16 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|