نېرى قىل
رەھمىتۇللا تۇرسۇن
ئىھ ئىگەم بىللە يۈرەي دانا بىلەن،
ئەقلى يۇق ئەبگا ناداندىن نېرى قىل.
تاشمۇ تۇپراقتا ئەزىزكەن ئويلىسام،
قەدرىمنى بىلمەس تاداندىن نېرى قىل.
قۇدرىتىڭ كاتتا ئىلاھىم ئاھ سىنىڭ،
ھاجىتىم كۆپتۇر ساڭا مەن قۇلۇڭنىڭ.
ھاجىتىم بولسۇن راۋا بىر سەن بىلەن،
كۆرەلمەس ئىچى ياماندىن نېرى قىل.
گۈلگە ھەمرا بولسىمۇ يانتاق تىكەن،
ھېچبىرسىدىن گۈل ئازار يىمەيدىكەن.
جانغا ئارام دوست دىگەن شۇنداق ئىكەن.
ماڭا دوست بولغان چاياندىن نېرى قىل.
ئاق بۇلاي مەيلى قارا بۇلاي لېكىن،
ساقلىغىن مىنى كۆڭلى قارىلىقتىن.
رىسقىمنى كەم ئەيلىمىگىن پاكلىقتىن،
ھارامغا يۇلى راۋاندىن نېرى قىل.
بەندىمەن تەنھا ياشاش ھارام ماڭا،
يىگانىلىك بۇلۇر خاس بىرلا ساڭا.
شۇڭا كېرەك ماڭا چىن مىھرى-ۋاپا،
ئۇتۇنەي مىنى يالغاندىن نېرى قىل.
بۇۋاق بۇلۇپ يارالدىم بۇ ئالەمگە،
شەپقىتىڭدە ئايلاندىم مەن ئادەمگە.
بۇۋاي بۇلۇپ دوست بولماستا ئۇلۇمگە،
تەۋبە قىلماي ئوينىغاندىن نېرى قىل.
128 قېتىم كۆرۈلدى | رەھمىتۇللا تۇرسۇن«ئۆركىشى» | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-7 20:03:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|