بىلگەن بولسام كىچەرىڭنى يار
ئاچىل
بىلىنىپتۇ سۆزلۈرۈڭ ، راستتەك ،
يوق ئىكەن بىر چىنلىق ئەھدەڭدە .
تاتلىق گىپىڭ تاپمىدى ئەمەل ،
بولماسمىدى تۇرساڭ ۋەدەڭدە .
ئەقىدەڭنى مەندىن ئاياپسەن ،
ساداقىتىم بار ، يار دىۋىدىڭ .
ئويلانماستىن ئىشىنىپتىمەن ،
نادامەت يەپ قالدىم ، كىتۋېدىڭ .
چەكتىم ئەلەم ، يۈرۈكۈمدە دەز ،
ھىجرانڭغا پالاندىم شەرتسىز .
ئاچچىق ئىكەن ئازابنىڭ تەمى ،
كۈنۈم بارمۇ ، ياشىغان دەرتسىز .
دىگەن ئىدىڭ ئايرىلىش بەك تەس ،
ئايرىلدۇققۇ ئىككىمىز ئاسان .
قىزىرىشىپ ئۆتتۈق دائىما،
كۈلۈپ باقتۇق يۈرەكتىن قاچان؟
كۆزلۈرۈمدىن تۆكۈلەر زىيا،
ھەر ئاخشىمى پېتىپ پىراققا .
ئۆتۈپ كېتەر، چىداپ كىتىمەن ،
كەت ۋاپاسىز ، كەتكىن يىراققا .
بىلگەن بولسام كىچەرىڭنى يار ،
كۆيمەس ئىدىم ئىشقىڭدا شۇنچە .
ساداقەتنى ئۇلۇغ دېمىسەم،
ئاقماس ئىدىم ۋاپادا بۇنچە .
2017 - يىل ، نۇرۇز ئېيىنىڭ 6 - كۈنى
| 119 قېتىم كۆرۈلدى | * ئاچىل * | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-11 7:40:34 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|