سۆيگەن يارىڭ تاشلىسا سىنى

سۆيگەن يارىڭ تاشلىسا سىنى

 

نۇرئەخمەتجان روزى

 

سۆيگەن يارىڭ تاشلىسا سىنى،

 ياش تۆكمىگىن بولما پەرىشان.

 كىلەر بىر كۈن سىنىمۇ بەختىڭ،

 تاق يارالماس دۇنياغا ئ‍ىنسان.

 

 سۆيگەن يارىڭ تاشلىسا سىنى،

 ھەسرەت چەكمە قارىغىن كۆككە.

 نۇرغۇ يۇلتۇز تۇرار جىمىرلاپ،

 ئ‍ەگەر كۆكتىن بىر يۇلتۇز ئ‍ۆچسە.

 

 سۆيگەن يارىڭ تاشلىسا سىنى،

ئ‍ازاپلانما تىلە بەختىڭنى .

چۈنكى كۆڭلى سۇۋۇپتۇ سەندىن،

 ئ‍الدىغاندىن ياخشى كەتكىنى.

 

 سۆيگەن يارىڭ تاشلىسا سىنى ،

 نەپرەتلەنمە تەغدىر قىسمەتتىن.

 ئ‍ىنسان دىگەن كۈلمەيدۇ دايىم،

خالى ئ‍ەمەس دەرتتىن كۈلپەتتىن.

 

 2015*8*14





208 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ايگۈزەل ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-15 0:39:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ