توزىغان چېچەك
(نەسىر )
باھار كۈنلىرى ئىللىق شامال ئېلىپ كەلگەن گۈللەر ھىدىنى بويلاپ كېپىنەك ،ھەسەل ھەرىسى قاتارلىق گۈزەللىك ئەلچىلىرى بىلەن سەپەرداش بولۇپ ،بارچە قۇدىرەتنىڭ ئىگىسى ياراتقان سەيلىگاھلارنى كېزىش ئادەمگە ئاجايىپ ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ .
ئىللىق شامال تېرەك يوپۇرماقلىرىنى يەڭگىل شىلدىرلىتىپ خۇددى بىتخوۋىننىڭ«تەقدىر سىمفونىيىسى» نى باشلاشقا تەمشىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلسا .چېكەتكىلەرنىڭ توختىماي چىرىلداشلىرى پاقىلارنىڭ كۇركىراشلىرى قەيەردىندۇر قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ئۇنىڭغا باغلىنىپ قايسىبىر باغلاردىن دۇلدۇللارغا مىنگىشىپ توپ-توپ بولۇپ كېلىۋاتقان ھەرخىل چېچەكلەرنىڭ ھىدى ھەربىر ئېلىنغان تىنىقلىرىمىز ئارقىلىق ئىچكى باغرىمىزنى يېرىپ ئۆتۈپ تەپەككۇر بىخلىرىمىزنى غىدىقلاشقا تەمشىلەتتى .ساڭا گويا تەبىئەت نېمىنىدۇر دىيىشكە تەمشىلىۋاتقاندەك ،ئانىنىڭ ئەللەي ناخشىسىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ .ئاشۇ سىفونىيەنىڭ ئەۋجى ۋۇجۇدۇڭنى تىتىرىتىپ ،ھاياجان ئىلكىدە بۇ تەبىئەتنىڭ قۇدىرتىگە قول قويماي تۇرالمايسەن .
ئەتراپىڭنى قانداق تەسۋىرلەشكە ئامالسىز قالسەن ،بۇ ھاياجانلىققا سۈپەت ئاجىزلىق قىلىدۇ.مەن پەقەت بۇ چەكسىزلىكنى چەكسىز لىك بىلەن تەسۋىرلەشكە مەجبۇر.مەنبۇ قۇدرەتتىن ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويدۇم.ئۆزۈمدىن- كۆزۈمدىن شۈبھىلەندىم.ماڭا ئاسمان يېشىل رەڭدەيۇلتۇزلارھال رەڭدە كۆرۈنگەندەك تۇيغۇ بەردى.مەن كۆزۈمنى ئۇۋۇلىۋەتتىم.مەن ئۆزۈمگە ئاخىرى قايتىۋالدىم ئەسلى مەن مېۋىلىك باغدىكەنمەن ئەمەسمۇ!
بۇ سىمفونىيىنىڭ رېتىمى بارغانسېرى تېزلەشتى. ئىللىق شامال كۈچىيىشكە، ساناقسىز يۇلتۇزلار ئاقار يۇلتۇزغا ئايلىنىپ ئېقىشقا باشلىدى.مەن تىلەك تىلىدىم…بىردەمدىلا ئابايقى گۈزەللىك ئورنىنى باشقىچە مەنزىرە بېسىۋالدى.خۇددى چوڭ بېلىق كىچىك بېلىقنى يېگەندەك، يېشىللىق ھالرەڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى.دىمىقىمغا ئۇرۇلغان پۇراقلار تەسەۋۋۇرۇمنى ھەدەپ غىدىقلىماقتا،مەن يەنە نەزەر تاشلىدىم، بۇ باللىقتىكى سەبىيلەر بوستاندىكى مېھىر مۇھەببەتنى ئەسلەتتى، ئابايىقى گۈللۈك تېرەكلەر تەبىئەتنىڭ سېھرىدە مېۋىلىك دەرەخكە ئايلانغان ئىدى.ئۇ بارچە تېرىكلەرنىڭ ئارزۇسىغا يەتتى، بىراق ئۇشبۇ گۈزەللىك قەدەممۇ قەدەم يىراقلاشماقتا…
سىمفونىيەنىڭ ئەۋجى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.ئىللىق شامال ئۆز مۇھەببىتىنىڭ قۇدرىتى بىلەن چۆچەكچى موماينىڭ ھېكايە -چۆچەك خالتىسىنىڭ ئاغزىنى قايتا ئاچتى.سان- ساناقسىزيۇلتۇزلار سەھرا ئاسمىنىغا چېكىلگەن نەقىشلەردەك، يېشىل ئاسما گىلەمنىڭ تۆرىسىدىن ئورۇن ئالدى.ئىللىق شامال يۇلتۇزلارنى ئالتۇن رەڭدىن تون كىيگۈزدى.ئىختىيارسىز سۆيۈنۈپ كەتتىم، ئابايقى تىلىكىم ئەمەلگە ئاشقاندەك بولدى.
سىمفونىيەنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتىم.مەن بۇ تەبىئەتنىڭ سېھرىگە ئۈمىدسىزلىك نۇرلىرى بىلەن تىكىلدى.ھەرخىل پورەكلەپ تۇرغان غۇنچىلىرى بىلەن، ھاياتىي كۈچىنى بەخش ئېتىپ تۇرغان ،ئەۋرىشىم غوللىرى، غۇنچىلەر بىلەن تىركىشىۋاتقان ۋەزىيەتنى سېھرىگەرنىڭ رەھىمسىز توقمىقى بۇزىۋەتتى.ئۇنىڭغا دەل- دەرەخلەرنىڭ، شاھى- شاھلىقىنى بەرگەن بولسىمۇ سۇۋادان تېرەكلەرگە خاس قامىتى، مۇشۇ مۆجىزىلىكلەر تۈپەيلى مۈكچىيىشكە باشلىدى.كۆزۈمگە ئىسسىق ياش ئالدىم جاپاكەش ئاتا ئانامنىڭ ئەكسى كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى.
ئويلاپ قالدىم ئۇلارنىڭمۇ مۇشۇ تىرەكلەردەك غۇنچە پورەكلەپ تۇرغان مەزگىلى بولغىيتتى.ئۇلارنىڭمۇ سۇۋادان تىرەكتەك قامىتى بولغىيتتى.مەن ئاشۇ يۇلتۇزلاردەك رەھىمسىزلەرچەئۇلارنىڭ بوينىغا مىنىپ مۈكچەيتىۋەتكەندىمەنمۇ ؟...ئۆزۈمنى تۇيمىغان ھالدا ئۇزاقتىن ئۇزاق خىياللارغا غەرق بولدۇم . تۇيۇقسىز جىمىرلاۋاتقان يورۇق يۇلتۇزلاردىن بىرىنىڭ، ساڭقىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ ئېسىمگە كەلدىم.
سىمفونىيەنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى مۇزىكىنىڭ رىتىمى ئارقىلىق ئاشكارىلاندى.ئەتراپ ساغۇچ رەڭدىن تۈس ئالدى .بۇ گۈزەللىك مېنى چۆچۈتۈۋەتتى.بۇ بىر قېتىملىق تەبىئەت دەرسى ئېرىشىش بىلەن يۇقىتىشنىڭ ئوڭ تاناسىپلىق خۇسۇسىيەت بىلەن داۋام ئېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.
ھەممە ئاخىرلاشتى، ئالتۇن رەڭ ئۈستىنى قىرو باستى، لېكىن ئابايىقى يۇلتۇزلار نۇرلىنىپ كۆككە كۆتۈرۈلدى.ئاقار يۇلتۇزلار ئورنىنى قۇتۇپ يۇلتۇزى،ئۈلكەر يۇلتۇز،چولپان يۇلتۇزلىرى ئىگىلەپ ،سىرلىق ئالەم قوينىدا مەڭگۈلۈك چاقناپ ئەتراپقا ئۆز نۇرلىرىنى بەخش ئەتتى.
197 قېتىم كۆرۈلدى |
mamatjon |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2016-10-2 17:34:56 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ