دىمىققان كېچە ــــ چاچما شېئىر(قەلەم)
دىمىققان كېچە

چاچما شىئىر
ئەكبەر مۇھەممەد ئەمىن سەئىدى


 ئويلىنىش،
 ئىزدىنىش،
 شۈكلىنىش،
 بار كاللامدا لىققىدە سۇئال،

 نىمىشقا؟
 نىم بولدى؟
 بىلمىدىم بىراق،
 زەپ قىينىدى مىنى بۇ ھال،
 بىر تال، ئىككى تال،
 ئۈچ تال،
 يازاي دەيمەن نەچچە تال شېئىر،

 ۋاراقلايمەن قەلبىمنى،
 ئىزدەۋاتىمەن سىرىمنى،
 تاپالمىدىم ھىچنىمىنى،
 قىلالمىدىم مەنىلىك پىكىر.

 تېلفۇن قۇلۇمدا،
 كاللام خىيالدا،
 يۈرەك پىراقتا،
 قىلدىمىكىن ئاللىكىم سىھىر ، 
تۈنلەر يېرىم،
 كۆڭۈللەر يېرىم،
 سۇئاللار يېرىم،
 ئىلھاملەرگە بولدۇممەن سائىل،
 كاللام قۇپقۇرۇق،
 ئىلھاملارمۇ يوق،
 بۇ قانداق تۇرق؟ 
بۇلالمامدىم ياكى بىر شائىر؟




133 قېتىم كۆرۈلدى ئەكبەر مۇھەممەد ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-30 1:10:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ