روبائىيلار
رازىيە ھېلىم
(1)
بىردەملىك كەيپىيات بىر رومكا ھاراق ،
قىلدۇ بىر مەھەل قايغۇدىن يىراق.
تەندىكى جاراھەت ساقايغان بىلەن ،
دىل يارا بىر ئۈمۈر قىينايدۇ بىراق.
(2)
دوستۇم يوق ئەزەلدىن ئۈزۈمدىن بۆلەك،
باردا يوق ئادەملەر ماڭا نە كىرەك .
تەس ئىكەن ئىنساننىڭ كۆڭلىنى بىلمەك،
ھەرتەندە سوقاركەن ھەر كويدا يۈرەك.
(3)
بۇ ئەجەل كىلدۇ قېرى ھەم ياشقا،
ۋە ياكى جېنى يوق شۇ قورام تاشقا.
ھەر نەرسە تۇغۇلۇپ تەرەققى قىلۇر،
ئاخىرى ئامال يوق ئۆلۈمدىن باشقا.
(4)
تۇغۇلدۇم كۈلگەندە پۈتكۈل كائىنات،
ئۆتمەكتە ئوخشاش بىر رىتىمدا ھايات.
مەڭگۈگە ئۆچمەسكە قويالمىدىم ئىز،
بولدىمۇ شۇنچە كۆپ ئارزۇيۇم بەربات.
55 قېتىم كۆرۈلدى | rabiya | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-1 5:41:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-7 17:35:27 | sabir1103 |
ئاجايىپ ئۆتكۇر ئىكەن قەلەملىرىڭىز ، ھارمىسۇن ھەمشىرەم قەدەملىرىڭىز . قەلەملەر داتلىشىپ ، خەت سەت بولسىمۇ راست بىلەن تولسۇن ھايات بەتلىرىڭىز . شىئىرلىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ،مەن قايىل بولدۇم |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|