كىتەر بولساڭ - ​ قادىر ئابلەت

 كىتەر بولساڭ
  قادىر ئابلەت

مىنى تاشلاپ كەتمەكچى بولساڭ،
كەيپىياتنى بۇزۇپ يۈرمەيمەن.
كۆڭلۈم يىرىم بولىدۇ بەلكىم،
بىراق ئىسسىق ياشلار تۆكمەيمەن.

زورلىمايمەن قايتىپ كەلگىن دەپ،
بىرەر مەزگىل بەلكىم كۈلمەيمەن.
بىراق سەندىن خاپا بولمايمەن،
ساڭا ھەرگىز قاپاق تۈرمەيمەن.

بەلكىم سىنىڭ تاللىشىڭ توغرا،
بۇنى ھەرگىز سەندىن كۆرمەيمەن.
كۆڭلۈڭ بولسا كىلەرسەن قايتىپ،
بىراق ئەمدى ئۈمۈت كۈتمەيمەن.

2016.9.3 قاغىلىق
     





118 قېتىم كۆرۈلدى apandi ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-17 23:44:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-19 6:21:36 مەرھابا
ياخشى چىقىپتۇ،داۋاملىق تىرىشىڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ